سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۇڭ خانىم ئەلچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خۇاڭ ئەپەندى بىلەن تونۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي توي قىلىشقا تىزىملاتقان. تويدىن بۇرۇن ئىككىيلەن نەننىڭ شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا كېلىپ تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتكەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخى چىقماستىلا، ئىككىيلەن ئەتىسى توي قىلىشقا تىزىملاتقان.
لېكىن سەككىز ئايدىن كۆپرەك بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ يېڭى توي قىلغاندىكى شېرىن تۇرمۇشىنى مۇنداق بىر شۇم خەۋەر بۇزۇپ تاشلىغان، يەنى سۇڭ خانىم تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى ئۇققان. بۇ چاغدا سۇڭ خانىم ئېرىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە ئەيدىز كېسىلى بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى، لېكىن ئېرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقىنى بىلگەن…
«مەن بۇ نەتىجىنى بىلگەندىن كېيىن، ئايالىمغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، چۈنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايمەن» دېدى خۇاڭ ئەپەندىم. خۇاڭ ئەپەندى خوتۇنىنىڭ شىكايىتى ئالدىدا، سۇڭ خانىم بىلەن بىللە ئائىلە قۇرۇشنى بەك خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىشنى يوشۇرغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن سۇڭ خانىم ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى قاراشتا بولۇپ، ئۇ بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئالدامچىلىق دەپ قارىغان.
بۇ رېئاللىقنى سۇڭ خانىم ھەر قانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلالمىغان، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن سۇڭ خانىم ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىشنى تاللىغان ھەمدە سوتتا ئۇ خۇاڭ ئەپەندىنى كېسەللىك ئەھۋالىنى مەندىن يوشۇرغان، يەنە تېخى مەن بىلەن توي قىلىشقا تىزىملاتقان ھەمدە مېنىڭمۇ يۇقۇملىنىپ قېلىشىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتىشىگە مەسئۇل دوختۇر ئۈستىدىنمۇ ئەرز سۇنغان…
تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈتۈشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ-يوق؟
نۇرغۇن ئاخبارات مىساللىرى ئىچىدە، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە بىر تەرەپنىڭ جۆرىسىدىن ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى يوشۇرۇش مىساللىرى ئاز ئەمەس. بەلكىم بەزىلەر ئۆزىنى تۇتالماي: «دوختۇرلار باشقىلارغا ياردەملىشىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرغان ئىكەن، تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ مەيدانىدىن قارىغاندا، تويدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشكە قاتناشقان نۇرغۇن دوختۇرلارنىڭ كەچۈرمىشى ئوخشاش بولۇپ، بىمار جىنسىي كېسەللىك ياكى باشقا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغاندا، جۆرىسىگە ئېيتماسلىقنى، مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
تويدىن بۇرۇنقى تېببىي تەكشۈرتۈش سالامەتلىككە مەسئۇل بولۇشتىن سىرت، كېيىنكى توي تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. شۇڭا نۇرغۇنلىغان جايلاردا تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈش ھەقسىز بولغان ھەم شۇنداقلا توي قىلماقچى بولغان ياشلارنى دوختۇردىن ھەقسىز مەسلىھەت سوراش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. شۇڭا تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆزى، قارشى تەرەپ، كەلگۈسىدىكى بالىلىرىغا مەسئۇل بولۇش، ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىسىنى ساغلاملىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئادەتتە تويغا تىزىملىتىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئەر-خوتۇندىن بىر تەرەپنىڭ ئەيدىز كېسىلى بايقالسا، دوختۇرنىڭ ئىككى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟
نەننىڭدىكى سۇڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتكەندە جۆرىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان، ئۇنىڭچە بولغاندا مەسئۇلىيەت تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغان دوختۇرىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن، ئۇ بۇنى «قارا نىيەت» دوختۇر، مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېس قىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن دوختۇر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقاپ تۇرۇپ بىر تەرەپكە ئېيتمايدۇ؟
بۇنى كۆپچىلىك ئېنىق بىلىۋېلىشى كېرەككى، توي قىلماقچى بولغان ئەر-خوتۇنلار تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن گۇمانلانغانلىقى ياكى ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقى ئېنىقلانسا، جۆرىسىگە بىۋاسىتە ئۇقتۇرۇش قىلىنمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مىسالغا قارىتا ئەمەلىيەتتە دوختۇردا خاتالىق يوق، چۈنكى بىمارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش دوختۇرلارنىڭ ئاساسىي كەسپىي مىزانى. «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى»دا ئېنىق بەلگىلىمە بار، يەنى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش ئۈچۈن، شۇ كىشى تويدىن بۇرۇن جۆرىسىگە ئۆزى ئېيتىشى كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17597295.shtml