دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەرەسىملەر40 ھەپتە ھامىلىدارلىقھامىلىلىكنىڭ 7-ھەپتىسى - 7 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 5-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 7-ھەپتىسى – 7 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 5-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 7-ھەپتىسى – 7 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 5-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 7-ھەپتىسى

ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 5 -ھەپتىسى

تۆرەلمە بوۋاق تەخمىنەن 12 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. بۇ ھەپتىلەردە باش قىسمى بەدىنىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىتتىك تەرەققىي قىلىدۇ.

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئاستا ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بىلەك، پاچاق بىخلىرى شەكىللىنىپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. كۆز، پىشانە، قاڭشارلارنىڭ شەكلىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، تۆرەلمە بوۋاق ئاستا ئاستا كىچىك تەرەت قىلىشنى باشلايدۇ.

ئانىدا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالامەتلەردىن سىرت، كىچىك تەرەتنى كۆپ قىلىدىغان بىر مەزگىل باشلىنىدۇ. بالىياتقۇ ئالدىنقى ھەپتىلەرگە قارىغاندا 2 قات چوڭىيىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئانا بۇنى ھازىرچە يەنە ھىس قىلالمايدۇ ۋە چوڭايغاننى سىرتتىن كۆرەلمەيدۇ.

بۇ بىرقانچە ھەپتىدە تاماقنى ياخشى، رەڭلىك ئىستىمال قىلىشقا تىرىشىش لازىم. گۆش، كۆكتات مول بولغان تاماقلار، مىۋىلەرنى يەپ بېرىڭ. بېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قېتىق قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، يۇد مىقتارى ياخشى تولۇقلىنىپ، قالقانسىمان بەز ھورمونلىرى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.

بۇ ھەپتىدە ئۇلترائاۋازدا بوۋاقنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ھىلىھەم سەۋىرچان بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭىزدە باشقا كېسەللىكلەر بولسا، مەسىلەن دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز رولى بىنورماللىق ئەھۋاللىرى، قان بېسىمى… ۋەيا باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبلىك دورا ئىستىمال قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئەھۋاللاردا چوقۇم سىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى بىلىدىغان دوختۇردىن ياخشى مەسلىھەت ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-04-01 / 10:27:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ