ئانا سەھىپەپايدىلىق ئۇچۇرلاردوختۇرخانىلارئىستانبۇل بەزمىئالەم دوختۇرخانىسىغا تېلېفوندا يېڭى توربەت يۈزىدە نومۇر ئېلىش

ئىستانبۇل بەزمىئالەم دوختۇرخانىسىغا تېلېفوندا يېڭى توربەت يۈزىدە نومۇر ئېلىش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

#بەزمىئالەم #نۇرمەمەت #نۇردوختۇر

ئىستانبۇل بەزمىئالەم دوختۇرخانىسىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرگە تېلېفون تورى ئارقىلىق نومۇر ئېلىش ئۇسۇلى
(يېڭى بەت يۈزىدە نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش ئۇسۇلى)
Bezmialem hastanesi online randevu alma basamakları

يۇۋتۇپ فىلىمىمىز:

بەزمىئالەم دوختۇرخانىسى نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش بېتى ئادرىسى :
https://randevu.bezmialemhastanesi.com/

تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى بەزمىئالەم دوختۇرخانىسى يېرىم شەخسىي، يېرىم دۆلەت ئېگىدارچىلىقتىكى ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشىلىرى بىلەن داۋالاش بىرلەشكەن دوختۇرخانا. دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى بىر قەدەر تولۇق. باشقا دۆلەت دوختۇرخانىلىرىغا نومۇر ئېلىش تەستەك مەسلىھە بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ. شەخسىي دوختۇرخانىلارغا قارىغاندا باھا جەھەتتىن خېلىلا ئەرزان، ۋە بىرىنجى قېتىملىق ئېلىنغان دوختۇر تەكشۈرۈش پۇلى ئىچىدە قان تەكشۈرۈشمۇ بار ۋە 10 كۈن ئىچىدە تەكرار كۆرۈنۈش ھەققىڭىز بار. شۇڭا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان بىر جاي دەپ ئويلايمەن.

تورداشلارنىڭ بەزمىئالەم دوختۇرخانىسىغا نومۇر ئېلىشتا قىيلىنىش ئەھۋاللىرى بولغاچقا، شۇڭا بۇ قىسقا فىلىمنى ئىشلەپ قويدۇم.

ئىلگىرىكى ئىشلىگەن بەزمىئالەمگە نومۇر ئېلىش فىلىمىدىكى تور بىكەت كونا تور بىكەت نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ تور بىكەت نۇسخىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. ھازىر يېڭى تور بەت يۈزىدە تۇرۇپ نومۇر ئېلىش يولغا قويۇلۇپتۇ. شۇڭا بۇ فىلىمنى ئىشلىدىم.

ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۈچۈن قايسى بۆلۈم قايسى دوختۇرغا بېرىشنى بىلەلمەي قالسىڭىز، مېنىڭ ۋاتسئاپ نومۇرۇمغا ئۇچۇر قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇدۇل تېلېفون قىلماڭ. قىسقا ئۇچۇر قىلىڭ.
05070515119

ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن.

ئەگەر نومۇر ئالماقچى بولغان دوختۇرنىڭ 4-5 كۈن ئىچىدە بوش نومۇر قالمىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر سىز ئالماقچى بولغان دوختۇرغا بوش يەر بولمىسا، ئەمما ھېلىھەم شۇ دوختۇرغا ئېلىشنى ئويلاشسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كىچە 12 دىن كېيىن يېڭى بىر كۈنى يەنى 6-كۈنىدىكى نومۇرلار رەندىۋۇلار ئېچىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئالسىڭىز بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 12:11:15

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ