ھامىلىلىكنىڭ 7-ھەپتىسى
ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 5 -ھەپتىسى
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئاستا ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بىلەك، پاچاق بىخلىرى شەكىللىنىپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. كۆز، پىشانە، قاڭشارلارنىڭ شەكلىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، تۆرەلمە بوۋاق ئاستا ئاستا كىچىك تەرەت قىلىشنى باشلايدۇ.
ئانىدا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالامەتلەردىن سىرت، كىچىك تەرەتنى كۆپ قىلىدىغان بىر مەزگىل باشلىنىدۇ. بالىياتقۇ ئالدىنقى ھەپتىلەرگە قارىغاندا 2 قات چوڭىيىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئانا بۇنى ھازىرچە يەنە ھىس قىلالمايدۇ ۋە چوڭايغاننى سىرتتىن كۆرەلمەيدۇ.
بۇ بىرقانچە ھەپتىدە تاماقنى ياخشى، رەڭلىك ئىستىمال قىلىشقا تىرىشىش لازىم. گۆش، كۆكتات مول بولغان تاماقلار، مىۋىلەرنى يەپ بېرىڭ. بېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قېتىق قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، يۇد مىقتارى ياخشى تولۇقلىنىپ، قالقانسىمان بەز ھورمونلىرى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
بۇ ھەپتىدە ئۇلترائاۋازدا بوۋاقنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ھىلىھەم سەۋىرچان بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭىزدە باشقا كېسەللىكلەر بولسا، مەسىلەن دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز رولى بىنورماللىق ئەھۋاللىرى، قان بېسىمى… ۋەيا باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبلىك دورا ئىستىمال قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئەھۋاللاردا چوقۇم سىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى بىلىدىغان دوختۇردىن ياخشى مەسلىھەت ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.