ھامىلىلىكنىڭ 8-ھەپتىسى
ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 6 -ھەپتىسى
بۇ ھەپتىدىن باشلاپ، بوۋاقنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى 150-200 ئەتراپىدا بولىدۇ. بىلەك، پاچاق بىخلىرى تېخىمۇ روشەنلىشىشكە باشلايدۇ. يېڭى شەكىللەنگەن قانلار، تۆرەلمىنىڭ بەدىنىدە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئۈچەيلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ ھەم جىگەرنىڭ دەسلەپكى بىخلىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
بۇ ھەپتىدە ئالدىنقى ھەپتىلەردە بولىدىغان قۇسۇشلارغا كۆنۈپ بولدىڭىز بەلكىم، بۇ ھەپتىدە بەكرەك روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقلار سىزنى ھاردۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ تەڭپۇڭسىزلىقلارنى بەدىنىڭىزدىكى تۇراقسىز بولغان ھورمونلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىشتىھارىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما شۇنداق تەغدىردىمۇ، شەخسىيەتچىلىك قىلماي، قورسىقىڭىزدىكى بوۋىقىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ، تاماقنى مولراق قىلىپ يەپ بېرىڭ. چۈنكى ئۇ بوۋاق ھىچ يەردىن ئوزۇقلۇق ئالالمايدۇ، پەقەت سىزگىلا تايىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەردىنمۇ ساقلىنىڭ.
ئالدىنقى ھەپتىلەردە تىلغا ئالغان تامچە قاناش ئەھۋاللىرى بۇ ھەپتىدە بولۇش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ. شۇڭا قاننى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا جىددىيلەشمەستىن، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنتىزىم تۇغۇت ئاياللار بۆلۈمى ۋەيا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.