ھاۋالىق كۆكرەك دېگىنىمىز، كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا ( يەنى ئۆپكە بىلەن كۆكرەك دىۋارى ئارىسىدىكى بوشلۇق ) ھاۋا كىرىپ، ئۆپكە توقۇلمىلىرىنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەسلىنىش ھاۋا سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە يەل كۆكرەك دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە: ھاۋالىق كۆكرەك كېسىلى
ئىنگىلىزچە: pneumothorax
خەنزۇچە: 气胸
تۈركچە: pnömotoraks
ھاۋالىق كۆكرەك تۈرلىرى
ھاۋالىق كۆكرەكنى پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
1. ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان ھاۋالىق كۆكرەك
بىرلەمچى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان ھاۋالىق كۆكرەك : ئادەتتە ئۆپكە كېسەللىكى بولمىغان ساغلام كىشىلەر توپىدا يۈز بېرىدۇ، ئادەتتە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ پارتلاپ يېرىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كۆپىنچە ياش، ئورۇق، ئېگىز كۆپ تاماكا چېكىدىغان ئەركەكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
ئىككىلەمچى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغان ھاۋالىق كۆكرەك : ئۆپكە كېسىلى ( مەسىلەن، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ئۆپكە تالالىشىش قاتارلىقلار ) گە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىدا يۈز بېرىدۇ، يېشى چوڭ بىمارلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يۇقارقى ئەھۋاللاردا ئۆپكە تىشىلىپ كېتىش ئىھتىماللىقى كۆرۈلىدۇ.
2. يارىلىنىشتىن بولغان ھاۋالىق كۆكرەك
تاشقى زەخىملىنىشتىن ئۆپكە تىشىلىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن، قاتناش ھادىسىسى، زەخىملىنىش، قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىقلار. بۇ خىل ھاۋالىق كۆكرەك سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە ھاۋانىڭ كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. داۋالاش تېخنىكىسى سەۋەپلىك ھاۋالىق كۆكرەك
داۋالاش مەشغۇلاتى ( مەسىلەن، كۆكرەك بوشلۇقىغا پۇنكىسىيە قىلىش، ئۆپكىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش، مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ) جەريانىدا تاسادىپىي كۆكرەك پەردىسى يېرىلىپ، ھاۋانىڭ كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. كېرىلىش ھاۋالىق كۆكرەك
بۇ ئەڭ ئېغىر بولغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، كۆكرەك پەردە بوشلۇقىدىكى بېسىم ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، گازنى چىقىرىۋەتكىلى بولماي، يۈرەك ۋە چوڭ قان تومۇرلارنى بېسىپ، قان ئايلىنىشنى زەئىپلەشتۈرىدۇ، شۇڭا جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھاۋالىق كۆكرەك كېسەللىك ئالامەتلىرى
ھاۋالىق كۆكرەكنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە تۈرىگە باغلىق بولۇپ، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
كۆكرەك ئاغرىش : ھاۋالىق كۆكرەكتە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى، ئادەتتە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ، ئاغرىق سېزىمى ئۆتكۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ياكى يۆتەلگەندە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
نەپەس قىيىنلىشىش : ھاۋالىق كۆكرەكنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ نەپەسلىنىش قېينلىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ.
تېرە ئاستى ھاۋالىق ئىششىقى : ھاۋا تېرە ئاستىغا تارقىلىپ، تېرە تۇتقاندا «شىر-شىر» قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ.
ئېغىر ئەھۋاللاردا تۆۋەن قان بېسىمى، كۆكىرىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، ھەتتا ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاۋالىق كۆكرەككە دىئاگنوز قويۇش
ھاۋالىق كۆكرەككە دىئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشكە تايىنىدۇ، مەسىلەن:
X رېنتگېندە تەكشۈرۈش : ھاۋالىق كۆكرەككە دىئاگنوز قويۇشتا دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ ،كۆكرەك بوشلۇقىدىكى نورمالسىز ھاۋانى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى رېنتىگېندە ئوڭ تەرەپ ئۈست قىسىمدا ھاۋالىق كۆكرەك مەۋجۇت.
CT تەسۋىر كۆچۈرۈش : تېخىمۇ توغرا ھەم ئېنىق كۆرۈنىدۇ ، بولۇپمۇ ئاز مىقداردىكى يەل كۆكرەك ياكى مۇرەككەپ كېسەللەرگە ماس كېلىدۇ.
ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش : جىددىي داۋالاش مۇھىتىدا بەزىدە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھاۋالىق كۆكرەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تېز ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئالدىنقى ئىككى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەنراق بولىدۇ.
ھاۋالىق كۆكرەك بولغاندا قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟
ئەگەر ھاۋالىق كۆكرەك شۈبھىسى بولغان كۆكرەك ئاغرىقى بولغاندا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى بىر قانچە سائەت ئىچىدە) جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش كېرەك. چۈنكى ھاۋالىق كۆكرەك جىددىي بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەھۋال. شۇڭا ئامبۇلاتورىيىگە نومۇر ئېلىشنى ساقلىماسلىق لازىم. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە دىئاگنوزى قويۇلغاندىن كېيىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ياكى بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.
ھاۋالىق كۆكرەكنى داۋالاش
داۋالاش پىلانى ھاۋالىق كۆكرەكنىڭ تۈرى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ:
1. ئاز مىقداردا يەل كۆكرەك : ئاز مىقداردىكى ھاۋالىق كۆكرەكنى كۆزىتىش ۋە ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن سۈمۈرۈلىدۇ.
2. كۆكرەك بوشلۇقىغا پۇنكىسىيە قىلىش : بىر قەدەر چوڭ ھاۋالىق كۆكرەككە قارىتا، دوختۇر يىڭنە سانجىش ئارقىلىق كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ھاۋانى چىقىرىدۇ.
3. كۆكرەككە نەيچە ئورۇنلاشتۇرۇش : كۆكرەك بوشلۇقىغا نەيچە كىرگۈزۈپ ھاۋانى چىقىرىش ئۇسۇلىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
4. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش : قايتا قوزغىلىش خاراكتېرلىك ياكى كېرىلىش خاراكتېرلىك ھاۋالىق كۆكرەكنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، كۆكرەك بوشلۇقى ئەينىكى ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلار.
ھاۋالىق كۆكرەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ھاۋالىق كۆكرەك كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر قاتتىق ھەرىكەت قىلىش، سۇغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئۇزۇن يوللۇق ئايروپىلاندا ئۇچۇش قاتارلىقلاردىن ساقلانسا، تاماكا تاشلاش ، سەمىرىش ئارقىلىق قايتا قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.