ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىھەيز دېگەن نېمە؟ ئادەت دىگەن نېمە؟

ھەيز دېگەن نېمە؟ ئادەت دىگەن نېمە؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەيز كۆرۈش ئاياللار ساغلاملىقىدىكى مۇھىم فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىن ھەيز توختىغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، تۇخۇمداننىڭ دەۋرىيلىك تۇخۇم قويۇپ بېرىشى ۋە ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ چۈشۈپ، جىنسىي يول ئارقىلىق چىقىپ كېتىش جەريانىدۇر.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئاياللاردا ھەر ئايدا جىنسىي يولدىن دەۋرىيلىك قان چىقىپ زەھەر چىقىرىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئادەتتە ھەر ئايدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە تۇغۇت ئىقتىدارىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ئادەتتە يېنىك دەرىجىدىكى قورساق ئاغرىش ياكى باشقا بەدەن ئۆزگىرىشلىرىگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ھەيزنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى چۈشىنىش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە پايدىلىق.

ھەيز ئېنىقلىمىسى ۋە فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى

ھەيز كۆرۈش ( Menstruation ) ، يەنە «ئادەت كۆرۈش، ئاي كۆرۈش ، ئادەت كېلىش، ھەيىز كېلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ئاياللارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپ تاكى ھەيز توختىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بېرىدىغان بىر خىل دەۋرىيلىك فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە. ھەيز دەۋرىيلىكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە – ھىپوفىز – تۇخۇمدان ئوقى ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. تولۇق بولغان بىر قېتىملىق ھەيز دەۋرى  تۇخۇم پۈۋەكچىسى مەزگىلى، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى، سېرىق تەن مەزگىلى ۋە ھەيز مەزگىلىدىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىر تىپىك 28 كۈنلۈك ھەيز دەۋرىيلىكى:

تۇخۇم پۈۋەكچىسى مەزگىلى ( تەخمىنەن 1 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە ): تۇخۇم پۈۋەكچىسى تۇخۇمدان ئىچىدە يېتىلىدۇ، ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاشقا باشلايدۇ.

تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى ( تەخمىنەن 14 كۈن ): يېتىلگەن تۇخۇم پۈۋەكچىسى تۇخۇم قويۇپ بېرىدۇ، ئاياللارنىڭ بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

سېرىق تەن مەزگىلى ( تەخمىنەن 15-28 كۈن ):سېرىق تەن پروگېستېرون ھاسىل قىلىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قوللايدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق يۈز بەرمىسە، سېرىق تەن يىگىلەيدۇ.

ھەيز مەزگىلى: پروگېستېرون ۋە ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى چۈشۈپ، قان ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيز دەۋرى باشلىنىدۇ.

 

ھەيزنىڭ ئالاھىدىلىكى

دەۋرىيلىكى: ھەيىز ئوتتۇرىچە دەۋرىيلىكى 28 كۈن بولىدۇ، يەنى كۆپىنچە ساغلام ئاياللار 28 كۈندە بىر قېتىم ئادەت كېلىدۇ. ئەمما بەزى ئايال خانىملارنىڭ ھەيز دەۋرى 21 كۈندىن 35 كۈنگىچە بولغان دائىرە ئىچىدە نورمال بولىدۇ.

ھەيز مەزگىلى: ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، ئوخشىمىغان خانىم قىزلاردا ئاز تولا پەرق بولۇشى مۇمكىن.

ھەيز مىقدارى: تەخمىنەن 30 ~ 80 مىللىلىتىر، زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز بولۇشى، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن.

 

ھەيز ساغلام ئەھمىيەتكە ئىگە

كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ كۆرسەتكۈچى: ھەيز ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ سىگنالى: ھەيز نورمالسىزلىقى ( مەسىلەن: كۈن دەۋرىدە رىتىمسىزلىق، مىقدارى زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز بولۇش ) بەدەندىكى بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن:كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومىسى ياكى قالقانسىمان بەز مەسىلىسى كۆرۈلگەندە ئادەتتە بىنورماللىق پەيدا بولىدۇ.

بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش: ھەيز ئىچكى پەردە توقۇلمىلىرىنى چىقىرىپلا قالماي، يەنە مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

 

ھەيزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىللار

تۇرمۇش ئادىتى:يېمەك – ئىچمەك تەكشى بولماسلىق، تۈنەش ۋە بېسىم ھەيزنىڭ قانۇنىيەتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سالامەتلىك ئەھۋالى:ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، سېمىزلىك ياكى زىيادە ئورۇقلاش دەۋرىيلىكنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

دورا ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى:قىسمەن دورا ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاسىتىلىرى ھەيزنى كېچىكتۈرۈشى ياكى تىزگىنلىشى مۇمكىن.

 

ھەيز ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش ئۆز ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشقا پايدىلىق. ئەگەر ھەيز مەزگىلىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەيزنى ئىلمىي تونۇش ئارقىلىق، ھەر بىر ئايال ھەيز مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىشكە تېخىمۇ تەمكىن يۈزلىنىپ، ساغلام، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تۇرمۇشقا ئىگە بولالايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:53:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ