ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشئىنسان مېڭە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى پەللىسى 55 ياشتىن 60 ياش ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن

ئىنسان مېڭە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى پەللىسى 55 ياشتىن 60 ياش ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن

«ئىدراك» (Intelligence) ئىلمىي ژورنىلىدا 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى توردا ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان سانىدا نەشىر قىلىنىدىغان بىر يېڭى تەتقىقاتتا، ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي بىلىش ۋە شەخسىيەت ئىقتىدارىنىڭ كۆپىنچە كىشىلەر ئويلىغاندەك ياشلىق مەزگىلىدە ئەمەس، بەلكى 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كېيىنكى ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايقاش، ئىنسانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىقتىدارىنىڭ بىر تۇتاش تۆۋەنلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشقا كۈچلۈك جەڭ ئېلان قىلدى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق تەرەققىياتى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزگە يېڭى پىكىر ۋە ئىلمىي ئاساسلارنى ئاتا قىلدى.

ئىنسان مېڭە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى پەللىسى 55 ياشتىن 60 ياش ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، پىسخولوگىيە ساھەسىدە بىر زىددىيەتلىك ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى. بىر تەرەپتىن، مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىش، يېڭى ئۇچۇرلارنى تېز ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ھەرىكەتچان ئەقلىي ئىقتىدار»نىڭ 20 ياش ئەتراپىدا يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئاندىن تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئومۇمىي تونۇش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، مەسىلەن، شىركەت باشقۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ياكى ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش قاتارلىقلارنىڭ 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈلۈشى كۆپ ئۇچرايتتى. بۇ «ئەقىل-پاراسەت پارادوكى» تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئىنسان ئىقتىدارىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە تەھلىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

بۇ زىددىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللارنى بىر گەۋدە قىلىپ تەھلىل قىلدى. ئۇلار يالغۇز ئەقلىي ئىقتىدار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، توققۇز چوڭ تۈردىكى 16 خىل ئاچقۇچلۇق بىلىش ۋە شەخسىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۇزۇن يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەكشۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە بىلىش ئىقتىدارى، شەخسىيەت ئالاھىدىلىكى، ھېسسىيات ئەقلىي ئىقتىدارى، پۇل-مۇئامىلە ساۋاتلىقى، ئەخلاقىي ھۆكۈم قىلىش، بىلىش جانلىقلىقى ۋە بىلىشچانلىق ھېسداشلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بار بولۇپ، بۇلار ئىنساننىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسىملار ھېسابلىنىدۇ.

تەتقىقاتتا، گەرچە ھەرىكەتچان ئەقلىي ئىقتىدار ياش ئۆتكەنسېرى ھەقىقەتەن تۆۋەنلىسىمۇ، باشقا نۇرغۇن مۇھىم ئىقتىدارلارنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدىغانلىقى بايقالغان. مەسىلەن، تەجرىبە ۋە بىلىمگە تايىنىدىغان، ھاياتلىق داۋامىدا يىغىلغان «كىرىستاللاشقان ئەقلىي ئىقتىدار» ۋە ھېسسىياتنى كونترول قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئوتتۇرا ياش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشى بىر قىسىم ئىقتىدارلارنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر قىسىم ئىقتىدارلارنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە تەجرىبىنىڭ موللىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

بۇ ئوخشىمىغان ئىقتىدارلارنىڭ ئومۇمىي تەسىرىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار يېڭى بىر مودېل، يەنى «بىلىش-شەخسىيەت فۇنكسىيە كۆرسەتكۈچى» (CPFI) نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ كۆرسەتكۈچ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئىقتىدارلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئادەمنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. تەھلىل نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ ئومۇمىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 20 نەچچە ياشتا تېز ئۆسۈپ، 55 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، ئاندىن ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىدى.

بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى جەمئىيەتنىڭ ياش ۋە تەجرىبە ھەققىدىكى قاراشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ياش قېرىشنىڭ پەقەتلا چېكىنىش جەريانى ئەمەس، بەلكى تەجرىبە، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارلارنىڭ يىغىلىپ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان مۇھىم بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭلاشقا، خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئۈچۈن، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە يېشى چوڭراق خىزمەتچىلەرنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن تونۇش ۋە ئۇلارنىڭ مول تەجرىبىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. تەتقىقاتتا يەنە يۇقىرى خەتەرلىك تەدبىر بەلگىلەش ۋەزىپىلىرىگە 40 ياشتىن كىچik ۋە 65 ياشتىن چوڭ بولمىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 

خەۋەر مەنبەسى: 

 Humans peak in midlife: A combined cognitive and personality trait perspective

 Scientists reveal the surprising age at which your brain reaches its peak – so, are YOUR best days behind you?

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-18 / 11:54:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ