تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، سالامەت تۇرۇپسىز، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن قان تەكشۈرۈش قىلغان، دوختۇر ماڭا ئىچ بوۋاسىر كېسىلى بار دىگەن ئىدى. يەنە قان تەكشۈرۈش قىلىپ باقسام بۇ كېسىلىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلگىلى بولامۇ؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
بۇۋاسىر كېسىلىنى يەنە گىموروي (ئىنگىلىزچە : HEMOROID ) دەپمۇ ئاتايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىچ گىموروي، تاش گىموروي، ئارىلاش گىموروي دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ. گىموروي كېسىلى قان تەكشۈرۈش بىلەن بىلگىلى بولمايدۇ. ئادەتتە مەقەتكە بارماقنى سېلىپ تەكشۈرۈش، مەقەتتىن شىلەڭكە ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ.
سالامەت بولۇڭ.