توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر
بالىلارنىڭ سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كالا سۈتى، قېتىق، قايماق، پىشلاق قاتارلىق كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
2. تەركىبىدە سىنك بولغان يېمەكلىكلەر
تەركىبىدە سىنك بولغان يېمەكلىكلەر سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ، تەركىبىدە سىنك بولغان يېمەكلىكلەردىن گۆش، بېلىق، راك، كالا سۈتى، تۇخۇم ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار.
3. تەركىبىدە ۋىتامىن D بولغان يېمەكلىكلەر
ۋىتامىن D ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالتسىينىڭ سۆڭەككە چۆكۈشىنى تېزلىتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تۇخۇم سېرىقى، بېلىق، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بەرسە بولىدۇ.
4. ئاپتاپقا قاقلىنىش
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن Dنىڭ ئاز بىر قىسمىنى يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلغاندىن باشقا، قالغان قىسمىنى قۇياش نۇرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ۋىتامىن Dنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17812303.shtml