ئىشتىھا تۇتۇلۇش يېمەكلىككە بولغان قىزىقىش ۋە ئىستەكنىڭ تۆۋەنلەپ، تاماق مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ياكى بىر نەرسە يېگۈسى پۈتۈنلەي كەلمەسلىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر:
1. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەر:مەسىلەن:ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئۆت ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. روھىي ئامىل:كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەرمۇ ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى:بەزى دورىلار ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. باشقا ئامىللار:مەسىلەن:يۇقۇملىنىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى ئالامىتى قاتارلىقلارمۇ ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى بېكىتىش ئۈچۈن، دوختۇر تۆۋەندىكى تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن:
1. كېسەللىك تارىخىنى سوراش:دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورايدۇ.
2. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ قورساق قىسمىدا نورمالسىزلىق بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ.
3. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش:مەسىلەن، قان تەكشۈرۈش، سۈيدۈك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار يۇقۇملىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
4. تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT قاتارلىقلار ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسىلە بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىگە باغلىق. دائىم كۆرۈلىدىغان بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. دورا بىلەن داۋالاش:كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، دوختۇر ئانتىبىئوتىك، ۋىرۇسقا قارشى دورا، خامۇشلۇققا قارشى دورا قاتارلىقلار ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشى ۋە داۋالىشى مۇمكىن.
2. ئوزۇقلۇق بىلەن قوللاش:ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشقا قارىتا، ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
3. پىسخىكىلىق داۋالاش:روھىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشتىھاسىزلىقنى پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.