بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى جايلىشىش يەرلىرى سۈرىتى
子宫肌瘤
uterine fibroid tumor, uterine Fibroma, leiomyoma
rahim miyom
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمىنىڭ بىرى دىسەكمۇ بولىدۇ.
بۇ ئۆسمە ھەم تالالىق ئۆسمە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاساسلىقى بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ بىنورمال كۆپىيىشىدىن شەكىللىنىدۇ.
بۇ ئۆسمە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار بولۇپمۇ 35 ياش ئۈستىدىكى ئاياللارنىڭ 20%دىن كۆپرەكىدە كۆرۈلىدۇ.
ئاساسلىق ئالامەتلىرى: ئادەت قالايمىقانلىشىش، ئاقخۇن كۆپىيىپ كېتىش، بەل سىرقىراپ ئاغرىش، دوۋساق قىسىم پەسكە تارتىشىپ ساڭگىلىغاندەك ھىس قىلىش، كىچىك تەرەت كۆپ كېلىش قاتارلىقلار بولىدۇ، ئەمما كۆپىنچە بىمارلاردا ھىچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.
ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئۇلترا ئاۋازلىق تەشكۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوزىنى قويغىلى بولىدۇ.
داۋالاشتا، ئەگەر بىماردا ئالامەت پەيدا قىلمىسا، ھەر يىلى كونترول تەكشۈرۈشلىرىنى ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. ئەمما ئەگەر يۇقارىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ھەم ئېغىرلاپ كەتسە، دورىلىق داۋالاش ھەم ئوپىراتسىيەلىك داۋالاشلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.