توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپچىلىكنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يولىنى چۈشىنىشى بەلكىم ھەزىم قىلىش رولىدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رولى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئاشقازان، ئۈچەي يولى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئەزاسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىممۇنىتېتلىق مۇداپىئە ۋە نېرۋىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي قانچە پاكىز بولسا، بەدەن شۇنچە ساغلام بولىدۇ.
بىز تۆۋەندىكى بەش خىل ئىپادىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك:
1. ئاشقازان-ئۈچەي كۆپۈش
ئاشقازان-ئۈچەي كۆپۈش ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان بىر قاتار ئالامەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مەسىلەن، قورساق ئاغرىش، يەل كۆپ چىقىپ كېتىش، ھېق تۇتۇش قاتارلىقلار ئاشقازان-ئۈچەي كۆپۈش دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر مەسىلە ئېغىر بولمىسا، بۇ خىل بىئاراملىقلار ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش پەسەيمىسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشتىن بۇرۇن تېزدىن داۋالىنىش كېرەك.
2. ئېغىز پۇراش
ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولسا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئېغىز پۇراش كۆپ ھاللاردا پۈتۈن بەدەنلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئىپادىسىدۇر. كىلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئۆتكۈر ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسى قاتارلىق ئىچكى كېسەللىكلەردە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى توسۇلۇش، ئېغىز سېسىق پۇراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئېغىز پۇراش قورقۇنچلۇق ئەمەس، پەقەت كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىققاندىلا، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى سىستېمىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. دانىخورەك چىقىش
بۇرۇن ئەتراپىدا دانىخورەك بولسا، ياغنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ كۈچلۈك بولۇش سەۋەبىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغاندا، بۇ خىل كىشىلەر توپىدىمۇ ئادەتتە ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاسان دانىخورەك چىقىدىغان بىمارلاردا تۇرمۇشتا قەۋزىيەت، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، تاتلىق يېمەكلىك، ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
4. كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش
كۆڭۈل ئېلىشىش ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل روھىي ھەرىكەت بولۇپ، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي تەتۈر لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىپ، ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدىكى ماددىلارنىڭ ئاشقازانغا تەتۈر ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىكنىڭ بېشارىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
5. ئىچ سۈرۈش
ئىچ سۈرۈش ئادەمنى چارچىتىدۇ ۋە ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەھۋالغا قاراپ سۇيۇقلۇق، ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى، ياغ، سۈت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئانتىبىيوتىكلارنى تاللاش كېرەك. ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، كۈندىلىك تۇرمۇشنى چىقىش قىلىپ، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش لازىم .
يۇقاردىكى ئالامەتلەردىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەرەللىك، نورمال غىزالىنىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىش، سوغۇقتىن ساقلىنىش لازىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/16006194.shtml