كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىكى كېسەللىكنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ ساغلام كىشىلەرنىڭ كالپۇكى قىزىل، سىلىق، يۇمشاق ۋە پارقىراق كېلىدۇ قېنى ئاز كىشىلەرنىڭ كالپۇكى سۇس قىزىل ياكى ئېقىش، تاتىراڭغۇ كېلىدۇ بولۇپمۇ ئۆپكە كېسەللىكى بار كىشىلەرنىڭ كالپۇكى كۆكۈش كېلىدۇ شۇڭا، كىشىلەر كالپۇكىنىڭ رەڭگىگە قاراپ مۇۋاپىق داۋالىنىش لازىم
ساغلام كىشىلەرنىڭ كالپۇكىنىڭ قىزىل، سىلىق، پارقىراق بولۇشى ئاساسەن، ئېغىزدىكى شۆلگەي بېزى بىلەن تېرە ماي بەزلىرىنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ كالپۇكى كۆپىنچە سوغۇق ھاۋا ياكى قۇرغاق شامالنىڭ تەسىرى بىلەن يىرىكلىشىپ، ئېغىز جاۋغايلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاسانلا قانايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا كالپۇكىنى مايلاپ تۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر. بەزى كىشىلەر ئادەتتە كالپۇكىنى ئاسراش ئۈچۈن گىلىتسېرىن سۈركەيدۇ. لېكىن، سام گىلىتسېرىننى بىۋاسىتە سۈركەشكە بولمايدۇ.
گلىتسېرىنگە 50 پىرسەنتلىك پار سۈيى ياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈركەش مۇۋاپىق. ئەگەر گىلىتسېرىن ئىشلىتىشنى خالىمىسا، مەخسۇس كالپۇكقا سۈركەيدىغان سىقما مايلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ھەسەلنىڭمۇ كالپۇكنى ئاسراشقا ناھايىتى چوڭ رولى بار. شۇڭا، كالپۇك يېرىلىپ كەتكەندە ھەسەل سۈركىسە، كالپۇك ئاسانلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. كالپۇكى دائىم يېرىلىپ كېتىدىغان كىشىلەر تەركىبىدە ۋىتامىنB6 ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى لازىم.
مەنبە:
تور دۇنياسى
(ئەسلى ئاپتورى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)