ئانا سەھىپەئالامەتلەرباش-بويۇن قىسىمئېغىزدىكى تەمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كېسەلنى بىلىش ئۇسۇلى

ئېغىزدىكى تەمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كېسەلنى بىلىش ئۇسۇلى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى پەسىلگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ بولۇپمۇ غىزالانغان چاغدا ئېغىزدىكى شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىپ، پاراسىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ، تىل شىللىق پەردىسىدىكى تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر جانلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تولۇق ئېچىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئېغىزدا غەيرىي تەم سېزىمى پەيدا بولسا، بۇ ھالدا ئورگانىزمدىكى مەلۇم ئەزا ياكى مەلۇم قىسىمدا كېسەللىك كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

ئېغىز چۈچۈمەل بولۇش: كۆپ ھاللاردا جىگەر-ئۆت ماددىسىنىڭ تال ۋە ئاشقازانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاشقازان يارىسى ۋە ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ شۆلگىيىدىكى سۈت كىسلاتاسى ۋە فوسفات كىسلاتا ئېنزىم تەركىبى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

ئېغىز تاتلىق بولۇش: ھازىرقى تېببىي ئىلىم تەتقىقاتى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى نورمالسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شۆلگەيدىكى ئامىلازا مىقدارىنى كۆپەيتىپ، تىل شىللىق پەردىسىدىكى تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، ئېغىزدا تاتلىق تەم سەزگۈسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شېكەر سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان شېكىرى يۇقىرى بولغاچقا ئېغىزدا تاتلىق تەم سەزگۈچى پەيدا بولىدۇ.

ئېغىز قىرتاق بولۇش: بۇ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا، بولۇپمۇ جىگەر ئۆت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تېببىي ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىك تەم سەزگۈسى يوقىلىپ، قىرتاق يېمەكلىكلەرگە بولغان تەم سەزگۈسى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارىدىكەن. بۇ بىمارنىڭ تىل قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچكى تەركىبىي ئۆزگەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

ئېغىز ئاچچىق بولۇش: بۇ ئاساسەن ئاشقازان ھارارىتى ئۆرلەشتىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش، ھەيز كېلىش دەۋرىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم ئېغىزى ئاچچىق بولۇش سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ. بۇ بىمارلارنىڭ تىل ھارارىتى يۇقىرى بولۇپ، تىل شىللىق پەردىسى تەم ۋە ئاغرىققا ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ.

ئېغىز تۇزلۇق بولۇش: سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئېغىز يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم مۇشۇنداق سەزگۈ بولىدۇ.

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدا ناترىي، كالىي، كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئىشقارلىقنى ئىپادىلەيدىكەن.

ئېغىز تۇزسىز بولۇش: بۇ تال زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ھازىرقى تېببىي ئىلىم بۇ خىل كېسەللىكنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى دەپ قارىماقتا. بۇ كېسەللىك ئاساسەن ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇش، ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك تىل سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تۇز تەم سەزگۈسى يوقىلىدۇ.

ئېغىز خۇش پۇراق بولۇش: بۇ ئېغىر شېكەر سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، دورىلار قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كونترول قىلالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ئۆرلەپ ئېغىزدا خۇشبۇي تاتلىق تەم سەزگۈسى پەيدا قىلىدۇ.

مەنبە :
تور دۇنياسى
(ئەسلى ئاپتورى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 06:12:14

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ