يەر ياڭىقى ، يەنە بىر ئاتىلىشتا خاسىڭ بولۇپ ، ئادەتتە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، تەمى تەملىك ۋە باھاسى ئەرزان بولغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئاددىي بىر ئۇششاق يېمەكلىك دەپ قارىسىمۇ، ئەمما تىببىي ساھەدە ئۇ «يەر ئاستى ئادەمگىياھى» ياكى «ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى مېۋە» دەپ تەرىپلىنىدۇ. يەر ياڭىقىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل، ئوزۇقلۇق تالالىرى ۋە ساغلام يارلىق كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ساغلاملىق كاپالىتىمىز ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كىشىلەرنىڭ يەر ياڭىقىغا بولغان قارىشىدا ئىككى خىل قۇتۇپلىشىش كۆرۈلدى: بەزىلەر ئۇنى ھەر كۈنى يېيىشنى تەۋسىيە قىلسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماي ۋە باشقا ماددىلارنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان يۈكىدىن ئەنسىرىمەكتە.

يەر ياڭىقى يېيىش ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش
زامانىۋى تىببىي تەتقىقاتلار خاسىڭنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە بولغان تەسىرىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. 2025-يىلى 4-ئايدا «ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش دورىسى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر سىقىم (تەخمىنەن 25 گرام) پوستى بىلەن بىللە قاقلاپ پىشۇرۇلغان يەر ياڭىقى خاسىڭ يېگەن كىشىلەرنىڭ شۆلگىيىدىكى تېلومېر ئۇزۇنلۇقىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان. تېلومېر بولسا ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەريانى قېرىشنى كېچىكتۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تەتقىقاتتا يەنە خاسىڭ يېغى ياكى خاسىڭ قىيامىغا قارىغاندا، پوستى بىلەن پىشۇرۇلغان يەر ياڭىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
يەر ياڭىقىنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك پايدىلىرى
خاسىڭ پەقەت قېرىشنى كېچىكتۈرۈپلا قالماي، بەلكى ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشتا تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردە ئۈنۈم بېرىدۇ:
- يۈرەك ۋە قانسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: 2021-يىلى خەلقئارالىق «Stroke» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4-5 تال يەر ياڭىقى يېگەن كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %13، سېكتە بولۇش خەۋپى %20 تۆۋەنلىگەن.
- دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: 2022-يىلى «ئوزۇقلۇق ۋە مېتابولىزم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 24 مىڭ كىشىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ھەر ھەپتىدە 100 گرام يەر ياڭىقى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ دىيابېت خەۋپىنىڭ %19 تۆۋەنلەيدىغانلىقى بايقالغان.
- ھەزىم قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ: يەر ياڭىقى تەركىبىدىكى مول بولغان ئېرىمەيدىغان تالالار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىدۇ.
- خولېستېرىننى تەڭشەيدۇ: ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قاندىكى ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
كىملەر يەر ياڭىقى يېيىشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
گەرچە يەر ياڭىقى يەنە خاسىڭنىڭ پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يۇقىرى پۇرىن ۋە يۇقىرى ماي مىقدارى بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا تۆۋەندىكى كىشىلەر توپى يەر ياڭىقى خاسىڭنى مۇۋاپىق مىقداردا ياكى چەكلەپ ئىستېمال قىلىشى لازىم:
- يەللىك بوغۇم ئاغرىقى (Gout) بارلار: يەر ياڭىقى يەنى خاسىڭ تەركىبىدىكى پۇرىن مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، سۈيدۈك كىسلاتاسىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، ئاغرىقنى قوزغىتىپ قويىدۇ.
- بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى: يەر ياڭىقىدىكى فوسفور ۋە كالىي مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى بۆرەككە ئارتۇقچە يۈك ئېلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلاردا يۇقىرى فوسفورلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
- ئۆت خالتىسى ياللۇغى بارلار: يەر ياڭىقى تەركىبىدىكى ماي ۋە ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇشى ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئۆت سۇيۇقلۇقى تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ ئۆت خالتىسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
- سېمىز كىشىلەر: يەر ياڭىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، زىيادە كۆپ يېيىش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، يەر ياڭىقىنى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك پىلانىغا سىڭدۈرۈش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ئەمما ھەر قانداق نەرسىنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشى زىيانلىقتۇر. ھەر كۈنى بىر سىقىمدىن ئاشۇرماي، پوستى بىلەن بىللە قاينىتىلغان ياكى قاقلاپ پىشۇرۇلغان يەر ياڭىقىنى تاللاش، سالامەتلىكنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.


