ھەر كۈنى شوۋىگۈرۈچ ئىچسە ئاشقازاننى ئاسرىغىلى بۇلامدۇ؟ ئەخمەقلىق قىلماڭ، ئەمەلىيەتتە ئاشقازىنىڭىزنى بۇزىدىغىنى دەل شۇ.
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاشقازان ئادەم بەدىنىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىدىغان مۇھىم ئەزا، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ ئۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان بولغاچقا، ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقى ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى تېز رېتىملىق تۇرمۇش مۇھىتىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنىدا چوڭ-كىچىك مەسىلىلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
بىز ھەممىمىز ئاشقازاندىكى چاتاقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، لېكىن ئاشقازاننى ئاسراشتا ئۇسۇلغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى خاتا بولغان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۇسۇلى ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى.
1. ئۇزاق مۇددەت ئۇماچ ئىچكەندە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلىمەيدۇ، ئەمدى خاتالىشىۋەرمەڭ.
بىز ھەممىمىز بىلىمىز، ئادەم ئاغرىپ قېلىپ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە ياكى ئاشقازان-ئۈچەيدە بىر قەدەر ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەندە دوختۇر بىمارلارغا كۆپرەك شوۋىگۈرۈچ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى شوۋىگۈرۈچنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلۈشى تېز بولغاچقا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر شوۋىگۈرۈچ ئىچىشنى بىر خىل ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان غىزالىنىش ئادىتى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.
گەرچە ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بىمارلارغا نىسبەتەن شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ئاشقازاننى ئاسرايدىغان ئۇسۇل بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئىچىش ئاشقازان-ئۈچەيگە زىيانلىق. چۈنكى شوۋىگۈرۈچتىكى سۇ تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شوۋىگۈرۈچنى چاينىماي يۇتىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئېغىز بوشلۇقىنى غىدىقلىمايدۇ-دە، زور مىقداردىكى ھەزىم قىلىش رولىغا ئىگە شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقمايدۇ، شۆلگەي تەركىبىدىكى ھەزىم قىلىش كىراخمال ئېنزىمى ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىگە پايدىلىق. ئۇزاق مۇددەت شوۋىگۈرۈچنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، دېمەك، ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز. شۇڭا، ئۇزاق مۇددەت شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ئاشقازاننى ئاسراشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئەمەس.
2. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان بۇ خاتا قاراشلارنى دەرھال تۈزىتىڭ.
گۆشسىز تاماقنى كۆپ يېيىش ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشكە پايدىلىقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.
گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا ھەزىم بولۇش ۋاقتى تەخمىنەن بىر سائەت، ساپ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى تۆت سائەتكە يېتىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشقازىنى ياخشى بولمىغان كىشىلەر گۆشنى ئاز يېيىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى گۆشسىز تاماق يېيىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئىلمىي ئەمەس.
گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار، 10 Qقاتارلىق بەدەنگە پايدىلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، شۇڭا گۆشسىز تاماق ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىمۇ يېتەرلىك ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇشى كېرەك، شۇڭا گۆشسىز تاماق يېيىش بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىسىز. ئەڭ ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە گۆش ۋە گۆشسىز تاماق 1:3ياكى 1:4 نىسبەتتە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
زەنجىۋىل ئاشقازاننى ئىللىتىدۇ، دەپ قاراپ دائىم زەنجىۋىل سۈيى ئىچسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلىگىلى بولامدۇ؟
بىز زەنجىۋىلنىڭ ئىسسىقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، شۇڭا سوغۇق مۇھىتتا ياكى زۇكامداپ سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا، زەنجىۋىلنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەدەننى ئىسسىتىمىز، ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەندىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل سۈيىنى ئىچىپ بەرسەك بولىدۇ.
لېكىن بۇ يەردە ئاشقازىنى ياخشى بولمىغان دوستلارنىڭ دائىم زەنجىۋىل سۈيى ئىچىپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، چۈنكى زەنجىۋىل غىدىقلىغۇچى يېمەكلىككە تەۋە بولغاچقا، ئاشقازىنى ياخشى بولمىغان دوستلار دائىم ئىچسە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، زىيادە كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ.
سۈت ئىچىپ ئاشقازاننى ئاسرىغىلى بولامدۇ؟
ئاشقازان-ئۈچىيى ياخشى بولمىغان دوستلاردا دائىم ئاشقازان كۆپۈش ئەھۋالى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئازراق سۈت ئىچسە ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى سۈت ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى مول ئاقسىل ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئويناپ، ئاشقازاندىكى بىئارامچىلىقنى پەسەيتىدۇ.
لېكىن ئاشقازان كېسىلىگە قارىتا داۋالىنىۋاتقان دوستلارغا نىسبەتەن، سۈت ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان كۈندىلىك يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىيالمايدۇ. چۈنكى سۈت بەزى ئاشقازان كېسەللىكىنى داۋالايدىغان كىسلاتاغا قارشى دورىلارنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كەتكەن دوستلارغىمۇ سۈتنى كۆپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، چۈنكى سۈت ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، كىسلاتالىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3. ئاشقازىنىڭىزنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، بۇ تۆت ياخشى ئادەتنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ
بىرىنچى ياخشى ئادەت: كۆپرەك چايناپ يۇتۇش
بىز يېمەكلىكلەرنى چاينىغاندا كۆپ مىقداردا شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىدۇ، شۆلگەي تەركىبىدە مول شۆلگەي كىراخمال ئېنزىمى بولۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۆلگەي تەركىبىدە يەنە يېپىشقاق ئاقسىل بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
بەزى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك چاينىغاندا، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئاشقازاننى ئاسراشتىكى «ئەڭگۈشتەر» دۇر.
ئىككىنچى ياخشى ئادەت: ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن ئازراق سۇ ئىچىش
بىز ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، ئاشقازان قۇرۇق ھالەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان تېخى «ئۇيقۇ» ھالىتىدىن تېخى تولۇق ئويغانمايدۇ. بۇ چاغدا دەرھال تاماق يېگەندە ئاشقازان بىئارام بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇ ئىچكەندە كېچىدە ئېقىپ كەتكەن سۇنى تولۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ئويغىتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى ياخشى ئادەت: ۋاقتىدا تاماق يېيىش
بىزنىڭ تال ۋە ئاشقازىنىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك رېتىمى بار. شۇڭا ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېگەندە ئاشقازىنىمىزدا ياخشى ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتى پەيدا بولۇپ، ئاشقازاننىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قورساق ئاچلىقتىن پەيدا بولىدىغان ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز، ئاشقازان-ئۈچىيىڭىز ساغلام بولىدۇ.
تۆتىنچى ياخشى ئادەت: ھەر ۋاقلىق تاماقتا سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇش
كۆپ يەپ-ئىچىش ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز. زىيادە تويۇنۇش ياكى زىيادە ئاچلىق ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر ۋاقلىق تاماقتا پەقەت سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا ئەڭ پايدىلىق. يەنە كۆپچىلىككە بىر مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ بېرەي! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر ۋاق تاماقتا سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇشنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىسى بار ئىكەن!
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6093351.shtml