ئۇرۇقداننى ئاسراش تەدبىرلىرى
- ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇرۇقداننى زەيتۇن يېغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يېغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلاش كېرەك.
- ئارىلاپ-ئارىلاپ قوينىڭ ياكى كالىنىڭ ئۇرۇق بېزىنى كاۋاپ قىلىپ ئېستىمال قىلىپ بىرىش.
- باچكا، كەكلىك، ئۇلار، بۆدۈنە، پاقلان گۆشلىرىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال بېرىش
- بانان، ئەنجۈر، خورما، ئۈزۈم، ياڭاق، بادام قاتارلىقلار مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
- پولو، مانتا قاتارلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش.
- چامغۇر، سەۋزە كۆپرەك سېلىنغان شورپىلارنى ئىچىپ بېرش
- ئامال بولسا ئەنجۈر مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ئالما مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كۈندە بىر قىتىمدىن ئىستېمال قىلىش.
- ئەتىگەندە تۇخۇم سېرىقىدا سۈت چاي قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش پايدىلىق.
- زىيادە سوغۇق ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن قېتىق، بېلىق، تاۋۇز، قارا ئۈرۈك، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق.
- ھەركۈنى مۇۋاپىق بەدەن چڭنقتۇرۇپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ بەرگەندە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ تولۇق ئوزۇقلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
- پۇتنى تولا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇرۇقداننى قىستىۋالماسلىق.
- بادام مېغىزى پىندۇق مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلاردا سوقماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
- كۈندە ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاقنى سوقۇپ بىر پىيالە سۈتكە ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بېرش.
- ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى تەرەنجىبىن(يانتاق شېكىرى)نى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
- بادام مېغىزى25 گرام. ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، پىندۇق مېغىزى ھەر بىرى20 گرامدىن، نوقۇت30 گرام قاتارلىقلارنى سوقۇپ، 300گرام ھەسەلنى قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ، دورىلارنى قوشۇپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
- پىششىق دورىلاردىن لوبوبى كەبىر، ھالۋائى بىيزە قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىلەر بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
http://doxturlar.com/alaqe/
ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىمىز بۇ ئادرىستا بار.
سالامەت بولۇڭ.