كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە پىرسەنتى (Eosinophil Percentage)
كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدە «ئىختىساسلاشقان قوشۇنى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بەدەننى پارازىت قۇرۇتلاردىن قوغداش ۋە ئاللېرگىيىلىك (زىيادە سېزىمچانلىق) ئىنكاسلارنى تەڭشەش بولۇپ، بەدەندىكى ياللۇغلىنىش جەريانىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
قان تەكشۈرۈشتە ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتە بەدەندە ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەر، پارازىت قۇرۇت يۇقۇمى ياكى باشقا ئىممۇنىتېت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ كۆرسەتكۈچ نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى باھالاشتا مۇھىم كلىنىكىلىق قىممەتكە ئىگە.
كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە پىرسەنتى (Eosinophil Percentage, EO%) — قاندىكى كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى, قان تەكشۈرۈشتە سانالغان ھەر 100 تال ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىچىدە قانچە تال كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە پىرسەنتى
ئىنگلىزچە ئىسمى: Eosinophil Percentage
تۈركچە ئىسمى: Eozinofil yüzdesi
خەنزۇچە ئىسمى: 嗜酸性粒细胞百分比
قىسقارتىلىشى: EO#
- نورمال قىممىتى: %1 – %4 (ئەر-ئاياللاردا ئوخشاش)
نىمە ئۈچۈن پىرسەنت (%) كۆرسەتكۈچىمۇ ئىشلىتىلىدۇ؟
كلىنىكىدا نېمە ئۈچۈن ھەم مۇتلەق سان (#), ھەم پىرسەنت (%) ئىشلىتىلىدۇ؟ چۈنكى بۇ ئىككى كۆرسەتكۈچ بىر-بىرىنى تولۇقلاپ, تېخىمۇ توغرا ئۇچۇر بېرىدۇ.
- پىرسەنت (EO%): ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئائىلىسى ئىچىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەنى, كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىلەرنىڭ باشقا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىگە (مەسىلەن, نېيتروفىل, لىمفا ھۈجەيرىسى) سېلىشتۇرغاندا نىسبىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
- مۇتلەق سان (EO#): بەدەندىكى كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەقىقىي مىقدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا, پەقەت پىرسەنتكە قاراش بەزىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن:
- ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئومۇمىي ئاق قان ھۈجەيرىسى سانى (WBC) نورمالدىن تۆۋەنلەپ كەتسە, ئەمما كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىسىنىڭ مۇتلەق سانى نورمال بولسا, ئۇنىڭ پىرسەنتى نورمالدىن يۇقىرى چىقىشى مۇمكىن. بۇ ھەقىقىي كۆپىيىش ئەمەس, بەلكى نىسبەتتىكى ئۆزگىرىش.
- ئەكسىچە, ئەگەر باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئومۇمىي ئاق قان ھۈجەيرىسى (بولۇپمۇ نېيتروفىللار) زور دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتسە, كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىسىنىڭ مۇتلەق سانى سەل يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ, ئۇنىڭ پىرسەنتى نورمال, ھەتتا تۆۋەن كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا, دوختۇرلار ئۈچۈن مۇتلەق سان تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. پىرسەنت بولسا ئومۇمىي ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا ياردەمچى رول ئوينايدۇ.
كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە سانى ئىقتىدارى:
كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇلار «ئىككى بىسلىق قىلىچ» قا ئوخشايدۇ؛ بىر تەرەپتىن بەدەننى قوغدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن نورمىدىن ئېشىپ كەتسە توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
- پارازىت قۇرۇتلارغا قارشى تۇرۇش: بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى. بەدەنگە ئاسكارىدا قۇرتى قاتارلىق پارازىتلار كىرگەندە، كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرىلەر ئۇلارنىڭ يۈزىگە چاپلىشىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك ئاقسىللارنى قويۇپ بېرىپ، پارازىتنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرىدۇ ياكى زەخىملەندۈرىدۇ.
- زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى ( ئاللېرگىيىلىك ئىنكاسلار ) نى تەڭشەش: زىققا (ئەسمە)، ئاللېرگىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە تېرە تەمرەتكىسى قاتارلىق كېسەللىكلەردە بۇ ھۈجەيرىلەر ئاكتىپلىشىدۇ. ئۇلار گىستامىن قاتارلىق ياللۇغلىنىش ۋاسىتىچىلىرىنى قويۇپ بېرىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى (مەسىلەن، قىچىشىش، ئىششىش، شىلىمشىق ئاجرىلىش) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەرچە بۇ ئىنكاس بەدەننى قوغداش مەقسىتىدە بولسىمۇ، ئەمما سوزۇلما ئەھۋاللاردا توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
- ياللۇغلىنىشنى كونترول قىلىش: ئۇلار ياللۇغلىنىش ئورنىغا يىغىلىپ، ھەم ياللۇغلىنىشنى كۈچەيتىدىغان، ھەم ئۇنى بېسىقتۇرىدىغان ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى تەڭشەيدۇ.
كلىنىكىلىق قوللىنىش ئەھمىيىتى:
ئۇنىڭ كلىنىكىلىق قوللىنىشى ئاساسەن مۇتلەق سان بىلەن ئوخشاش بولۇپ, يۇقىرى بولغاندا ئوخشاش كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ:
- ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەر: زىققا, ئاللېرگىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى, دورىغا بولغان زىيادە سېزىمچانلىق.
- پارازىت قۇرۇت يۇقۇمى.
- بەزى تېرە كېسەللىكلىرى.
ئەمەلىيەتتە, پىرسەنت كۆرسەتكۈچى دائىم قان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بىرىنچى بولۇپ دىققەتنى تارتىدۇ. ئەگەر پىرسەنت يۇقىرى بولسا, دوختۇر دەرھال ئۇنىڭ مۇتلەق سانىغا قاراپ, ھەقىقىي يۇقىرىلاش بار-يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرىدۇ ۋە شۇ ئاساستا دىئاگنوز قويىدۇ.
كىسلاتاخۇمار دانچە ھۈجەيرە سانى ھەققىدە تونۇشتۇرۇشنىڭ تولۇق مەزمونى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
https://dohturlar.com/kislataxumar-danche-hujeyre-sani-eo/
قان تەكشۈرۈش ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر ۋە نەتىجىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.
قان تەكشۈرۈش ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر ۋە نورمال قىممىتى چۈشەندۈرۈلۈشى
https://dohturlar.com/qan-tekshurush-ichidiki-herqaysi-turler-we-normal-qimmiti