1. ئۆزىڭىز تاماكا چىكىشنى توختىتىدىغان مەلۇم بىر كۈننى بىكىتىڭ ، ھەم شۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭ .
2. تاماكا چىكىشنى توختاتقاندىن كىيىن باش قېيىش ، كۆز تورلىشىش ، تىت- تىت بولۇش ، كاناي ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ . بۇ خىل ئالامەتلەر ئۇزۇن ئۆتمەي يوقايدۇ ، شۇڭا غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
3. بارلىق كۇلدان ، تاماكا ، چاقماق- سەرەڭگىلەرنى تاشلىۋىتىڭ .
4. چاينى كۆپ ئىچىڭ . خىزمەت ئۈستىلىڭىزنىڭ قولىڭىز يىتىدىغان يېرىدە بىر ئىستاكان چاي تۇرسۇن .
5. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ .
6. تاماكا تاشلاشتىن تىجىگەن پۇلغا ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان نەرسىلەرنى سېتىۋىلىڭ .
7. سىز ئادەتتە تاماكا سېتىۋالدىغان دۇككاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ساقلىنىڭ .
8. ھەرگىز خاپا بولغان ، ياكى خۇشال بولغان چاغلىرىڭىزدا بىر تال چىكىپ قويايچۇ ، دىگەن خىيالدا بولماڭ . بىر تال چەككەن ئىكەنسىز ، ئىككى تال چەككىڭىز كىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىز بىكارغا كىتىدۇ .
9. تاماكا تاشلىغاندىن كىيىن يىمەك- ئىچمىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ ، ئىشتىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىڭ .
10. تاماكا تاشلىغاندىن كىيىنكى سالامەتلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . بىر كۈن تاشلىسىڭىزمۇ ئۇ سىز ، ئائىلىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش .