كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش دېگىنىمىز، كۆكرەك ئومۇرتقىسى سۆڭىكىنىڭ شەكلى ياكى قۇرۇلمىسىدا نورمالسىزلىق يۈز بېرىپ، تۈۋرۈكنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى ھەمدە دۈمبە قىسمى ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە: كۆكرەك ئومۇرتقىسى شەكلى غەيرى بولۇش
ئىنگىلىزچە: Thoracic spine deformity
خەنزۇچە: 胸椎畸形
تۈركچە: Torasik omurga deformitesi
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن:
1. تۇغما غەيرىيلىك تۇغۇلغاندا كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، تۈۋرۈك يېرىلىش، يانغا ئېگىلىش قاتارلىقلار.
2. تاشقى يارا كۆكرەك قىسمى سىرتقى كۈچنىڭ سوقۇلۇشى ياكى بېسىلىشى قاتارلىق زەخىملىنىشكە ئۇچرىسا، كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
3. كېسەل بەزى كېسەللىكلەرمۇ كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، قېتىۋېلىشچان تۈۋرۈك ياللۇغى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى قاتارلىقلار.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1.X رېنتگېندە تەكشۈرۈش:كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى ھەمدە غەيرىيلىك بار – يوقلۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
2.CT تەسۋىر كۆچۈرۈش:كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قۇرۇلما ۋە توقۇلما ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدۇ.
3.MRI تەكشۈرۈش:تېخىمۇ تەپسىلىي سۈرەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ ،يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى دىئاگنوز قويۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
داۋالاش ئۇسۇلى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە باغلىق. بەزى يېنىك دەرىجىدىكى كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە فىزىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؛ ئېغىر دەرىجىدىكى غەيرىيلىكنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنىمۇ قاراتمىلىق ھالدا داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.