بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
2 ئايلىق بوۋاقلار ????
باش ئايلانمىسى: 37 – 41.3 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 54.7 – 62.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 4400 – 7000 گىرام
دۈمچىلەپ ياتقاندا، بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ. بېشىنى تىك تۇتۇشقا ئامراق بولىدۇ. مىدىرلاۋاتقان جىسىملەرنى 180 گىرادۇس بېشىنى ئوڭ سولغا بۇراش ئارقىلىق قارىيالايدۇ. جىسىملەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە يوق بولغان نۇقتىغا تىكىلىپ قارايدۇ. ( مەسىلەن بىر كىشى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندە ئىشىككە تىكىلىپ قارايدۇ. ) ئاپىسىنى تونۇشقا باشلايدۇ. كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق مەمنۇن بولغىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئۆزىگە خاس بولغان ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. ئەتراپدا ئاڭلىغان ئاۋازلارنى دوراشقا تىرىشىدۇ. ❤️️
ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.