چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ
قان قەنتىنىڭ نورمال قىممىتى 3.9 –6.1 مىللىمول/لىتىر بولىدۇ . ئەگەر قان قەنتى 3.9 مىللىمول/لىتىردىن تۆۋەنلەپ كەتسە ، كلىنىكىدا تۆۋەن قان قەنتى، دەپ ئاتىلىدۇ. قان قەنتى تۆۋەن بولسا، ئادەتتە سىمپاتىك نېرۋا بىنورمال جانلىنىپ، يۈرەك سېلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش، چىراي تاتىرىش، قورساق ئېچىش، تىترەش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋاقتىدا قەنت تولۇقلاپ، قان قەنتىنى تېز ئۆرلىتىپ نورمال ھالەتكە يەتكۈزۈش كېرەك. ئەگەر سەل قاراپ قەنت تولۇقلىمىسا ، قان قەنتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ . قان قەنتى 1.5 مىللىمول/لىتىرغا چۈشسە، مېڭە توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ، ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىدا كۆزەتكەندە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ. قان قەنتى زىيادە تۆۋەنلەپ كەتسە، مېڭە پائالىيىتىگە زۆرۈر بولغان قەنت بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەنمەي، مېڭىدىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەپ، مېڭىگە قان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر قان قەنتى ئۆرلەپ 6.1 مىللىمول/لىتىردىن ئېشىپ كەتسە ھەمدە داۋاملىق بۇ ھالەتنى ساقلىسا ، زىيابىتۇس (دىئابېت) كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يۇقىرى قان قەنتى مېڭە توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرمەيدۇ. ئەمما قان قەنتى زىيادە ئۆرلەپ كەتسە، مېڭە توقۇلمىلىرى رىقابەت خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ ھەمدە گلۇكوزا ھاسىلاتلىرى كۆپىيىپ، قان تومۇر دىۋارىغا توپلىنىپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، نېرۋىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نېرۋا ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، قان قەنتىنى نورمال سەۋىيىدە ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.