سىنك
Zn, zinc
Çinko
锌
يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە سىنك بولىدۇ ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى سىنك مىقدارى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى سىنك مىقدارىغا قارىغاندا ئاز بولىدۇ
ئادەتتە سىنك مىقدارىنىڭ ئاز–كۆپلۈكى بويىچە تەرتىپكە تىزغاندا، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە سىنك ئەڭ كۆپ.
ئۇنىڭدىن قالسا پۇرچاق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەر، ئەڭ ئاخىرىدا كۆكتات ۋە مېۋە–چېۋىلەر. شۇڭا، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بالىلار تامىقىنىڭ بەلگىلىك نىسبىتىنى ئىگىلىشى ھەم مۇۋاپىق ئوزۇقلۇقلاندۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا سىنك كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئادەتتە بالىلار كۈنىگە بەش–ئون مىللىگرام سىنكقا ئېھتىياجلىق بولۇپ دائىم جىگەر، ئورۇق گۆش، تۇخۇم سېرىقى، سېرىق پۇرچاق، يەر ياڭىقى مېغىزى، شاپتۇل قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ تۇرغاندا ھەم بالا تاماق تاللىمىسا، سىنك كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ. بالىغا سىنك كەملىك قىلىدۇ، دەپ گۇمان قىلغاندا، چوقۇم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ، ئاندىن سىنك تولۇقلاش، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلماسلىق لازىم.
سىنك تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر ئۇسۇلى يەنىلا يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاشتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەركىبىدە مول سىنك بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش، سىنك كەملىك بايقالغان ھامان دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىدا سىنكنىڭ كەملىك دەرىجىسىگە ئاساسەن دورا ئىچۈرۈش ۋاقتىنى بەلگىلەش لازىم. ئادەتتە بىر–ئىككى ئاي دورا ئىچۈرگەندىن كېيىن يەنە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. دورا ئىچىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئاسانلا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەزى ئاتا–ئانىلار سىنكنى قۇۋۋەت دورىسى دەپ قاراپ ‹‹قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى›› دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاشقازان–ئۈچەي يوللىرىغا ئەكس تەسىر قىلىپ، بەدەندىكى مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىنك بىلەن تۆمۈر سۈمۈرۈلۈش جەريانىدا ماسلاشماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئورگانىزمنىڭ سىنكنى سۈمۈرۈشى تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگە نىسبەتەن ئازلايدۇ، سىنك ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەندە ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ.