ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقكۈز ۋە قىش پەسلىدە تاتلىقياڭيۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرىدۇ

كۈز ۋە قىش پەسلىدە تاتلىقياڭيۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاتلىقياڭيۇنىڭ ئۈچ چوڭ رولى بار

1. ئۈچەي يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر تاتلىقياڭيۇ  ئىستېمال قىلىشنىڭ قەۋزىيەتنى پەسەيتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە موليېمەكلىك تالاسى بولۇپ، تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىك تالاسىمۇ ئۈچەيدىكى زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى تەرەت ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاشقا قولايلىق يارىتىدۇ؛ يەنە پايدىلىق باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئۈچەي يولىنىڭ مىكرو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ.

2. ئاق پوستلۇق تاتلىقياڭيۇ  ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، قىزىل پوستلۇق تاتلىقياڭيۇ قان تولۇقلايدۇ.

ئاق پوستلۇق تاتلىقياڭيۇ بىلەن قىزىل پوستلۇق تاتلىقياڭيۇ نىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاق پوستلۇق تاتلىقياڭيۇ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تېرىسى يىرىك، قۇرغاق كىشىلەر ئاق پوستلۇق خۇڭشۇيەپ بەرسە بولىدۇ.

قىزىل پوستلۇق تاتلىقياڭيۇنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان تولۇقلاش رولى بار، ئۇنىڭ رولىنى چىلان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ، چىلاندەك ئۇنداق ئاسان ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلمايدۇ. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن قىزلار ئۇزۇن مۇددەت قىزىل پوستلۇق خۇڭشۇ يەپ بەرسە، چىراي رەڭگى ياخشىلىنىدۇ.

تاتلىقياڭيۇ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ تال ۋە ئاشقازىنى يۇمران بولغاچقا، تاتلىقياڭيۇ يەپ بەرسە بولىدۇ.

3. سېرىق، سۆسۈن رەڭلىك تاتلىقياڭيۇ تالنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەك مەنپىيلىكىنى كۈچەيتىدۇ.

دائىم سېرىق رەڭلىك تاتلىقياڭيۇ يەپ بەرسە تالنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. سۆسۈن رەڭلىك تاتلىقياڭيۇ بۆرەك مەنپىيلىكىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، دائىم بېلى تىلىپ ھارىدىغان، بېشى قېيىپ قۇلىقى غۇڭۇلدايدىغان، ئۇيقۇسى ئاز، ئۇنتۇغاق، ئاغزى قۇرۇپ، گېلى ئاغرىيدىغان ئاغرىقلارغا ماس كېلىدۇ.

تاتلىقياڭيۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك

تاتلىقياڭيۇنى كۆپ يېسە ئاسانلا قورساق كۆپىدۇ. نۇرغۇن كىشى تاتلىقياڭيۇنى تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، كۆپرەك يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، ئەمما تاتلىقياڭيۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەي يولىدا زور مىقداردا گاز پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئاسان قورسىقى كۆپىدىغان، ئىچى سۈرىدىغان، كېكىرىدىغان كىشىلەر تاتلىقياڭيۇ يېمەسلىكى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچ قورساققا خۇڭشۇ يېسە مەيدىنى ئېچىشتۇرىدۇ. ئاشقازان يارىسى، شەلۋەرەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىقاتارلىقكېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارخۇڭشۇنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق قىسمىبىئارام بولىدۇ. خۇڭشۇنىڭ قەنت تەركىبىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلغاندامەيدىنى ئېچىشتۇرىدۇ.

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تاتلىقياڭيۇ بىلەن ھالۋابىدىت(柿子) بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشىئىككىلىسىنى بىللە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر تاتلىقياڭيۇ ئىستېمال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ھالۋابىدىت ئىستېمال قىلىنسا، تاتلىقياڭيۇنىڭ قەنت تەركىبى ئاشقازاندا ئېچىتىلىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالۋابىدىت تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى تاتلىقياڭيۇ بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئۇيۇشۇپ، ئاشقازان تېشى ھاسىل قىلىدۇ.

ئەگەر تاتلىقياڭيۇنىڭ سىرتقى پوستىدا رەڭگى ئۆزگەرگەن، قارىداپ قالغان ياكى قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، چىرىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ، تاتلىقياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-15 / 12:14:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ