گۇاڭمىڭ تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى
8-ئايدا مايمۇن شاپتۇلى يېگەندە، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئالمىنىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن سىز قايسى كىشىلەرنىڭ يېسە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
8-ئاي يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بازاردىكى تاۋۇز، مانگو قاتارلىق پەسىللىك مېۋىلەر يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان مايمۇن شاپتۇلىغا ئايلاندى. مايمۇن شاپتۇلى گەرچە چۈچۈمەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا مايمۇن شاپتۇلىنى كۆپ يېگەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلى يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە كالىي ئېلېمېنتى مول بولغاچقا، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مېۋىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاندىن سىرت، ئەمەلىيەتتە مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئۇرۇقىنىڭمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئايرىۋېلىنغان مايمۇن شاپتۇلى ئۇرۇقى مېيىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قاندىكى ماينىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا مايمۇن شاپتۇلىمۇ قىممەتلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، مايمۇن شاپتۇلى ھەقىقەتەن بەدىنىمىزگە پايدىلىق مېۋە ئىكەن، لېكىن سىز مايمۇن شاپتۇلىنى ھەممىلا ئادەمنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بەزى كىشىلەر يېگەندىن كېيىن كېسىلى يوق تۇرۇپمۇ، كېسەل تېپىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.
مايمۇن شاپتۇلى ئەمەلىيەتتە خام ياكى پىشقانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان بىر خىل مېۋە. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىز سېتىۋالغان مايمۇن شاپتۇلى ئەمەلىيەتتە پىشمىغان مايمۇن شاپتۇلى بولۇپ، يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىز بوشلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش يولىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغان ياكى ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزراق بولغان كىشىلەر مايمۇن شاپتۇلىنى يېگەندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخىملىنىدۇ. شۇڭا بۇ تۈردىكى كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، مايمۇن شاپتۇلىنى بەك كۆپ يېيىش تەكلىپى بېرىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ سالامەتلىككە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يەنە بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر بالىلار مايمۇن شاپتۇلىنى بەك كۆپ يەۋەتسە، زىيادە سەزگۈرلۈك ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ، كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زىيادە سەزگۈرلۈك سالامەتلىككە زور زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋالدا، مايمۇن شاپتۇلىنى يەپ باقمىغان بالىلارغا مايمۇن شاپتۇلىنى يېيىشنى ئانچە تەۋسىيە قىلمايمىز، ئاتا-ئانىلارمۇ بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بىز مايمۇن شاپتۇلى سېتىۋالغاندا قاتتىقنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى يۇمشاقنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟
مايمۇن شاپتۇلى ئاسان بۇزۇلىدىغان مېۋە بولغاچقا، ساقلاش مۇددىتى ئۇنچە ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر سېتىۋالغان ۋاقىتتا قاتتىقراقىنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە توغرا، چۈنكى سەل قاتتىقراق مايمۇن شاپتۇلىنى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ.
يەنە كېلىپ سېتىۋالغان ۋاقىتتا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر يېرى يۇمشاق، بىر يېرى قاتتىق مايمۇن شاپتۇلىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك، بۇ خىل مايمۇن شاپتۇلىدا بەزى مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئىچىدە بۇزۇلۇپ قالىدۇ، ياكى يېتىلىشى تەكشى بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى مايمۇن شاپتۇلىنى ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىق كېرەك.
يەنە يەشىك-يەشىك مېۋە-چېۋە سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر مايمۇن شاپتۇلىنى ساندۇقى بىلەن ئېلىپ كەلگەندە، توڭلاتقۇدا ساقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا-ئاستا يېيىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئون كۈندىن يېرىم ئايغىچە ساقلىيالىشى مۇمكىن، يەنە مېۋىنىڭ ئىسراپ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغان مايمۇن شاپتۇلى بىر قەدەر قاتتىق بولسا، ئىككى تال باناننى يېنىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ۋاقتى كەلگەندە يۇمشاق، تاتلىق مايمۇن شاپتۇلىنى يېيەلەيسىز. قۇرامىغا يەتكەنلەر ئادەتتە بىر كۈندە بىردىن ئىككىگىچە مايمۇن شاپتۇلى يېسە، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، بەك كۆپ يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەك كۆپ يەۋەتسە ئاشقازان-ئۈچەيگە نىسبەتەن ئانچە ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6204770.shtml