ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشمېڭە-ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى تەدرىجىي توڭلاش بىمارلىرىغا «قايتا سۆزلىشىش» پۇرسىتى بەرمەكتە

مېڭە-ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى تەدرىجىي توڭلاش بىمارلىرىغا «قايتا سۆزلىشىش» پۇرسىتى بەرمەكتە

UC Davis ساغلاملىق خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى داۋىس شۆبىسى ساغلاملىق مەركىزى تەتقىق قىلىپ چىققان بىر خىل يېڭى تىپتىكى مېڭە – ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى ( BCI ) مېڭە سىگنالىنى تاۋۇشقا ئايلاندۇرالايدىكەن ۋە توغرىلىق نىسبىتى %97 كە يېتىدىكەن. بۇ نۆۋەتتە ئوخشاش تۈردىكى تەتقىقات سىستېمىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ تەتقىقات ئەترىتى ، مۇسكۇل يىگلەش خاراكتېرلىك يان خوردا قېتىشىش كېسىلى ( ALS ،ئادەتتە تەدرىجىي توڭلاپ قېلىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) سەۋەبىدىن تىل ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىر ئەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە سېنزور كۆچۈرگەن. بۇ سىستېمىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، بۇ ئەر بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزى دېمەكچى بولغان گەپنى دىيەلەيدىكەن. مەزكۇر ئەترەت ، ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسىنى 8-ئاينىڭ 15دە «يېڭى ئېنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلدى.

بۇ مېڭە ئاپپاراتى ئۇلاش ئېغىزى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى سەۋەبىدىن گەپ قىلالمايدىغان كىشىلەرنىڭ پاراڭلىشىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ گەپ قىلغاندىكى مېڭە سىگنالىنى تېپىپ چىقىدىكەن ھەمدە ئۇنى كومپيۇتېردا دېكلاماتسىيە قىلىدىغان تېكىستكە ئايلاندۇرالايدىكەن.

مېڭە-ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى تەدرىجىي توڭلاش بىمارلىرىغا «قايتا سۆزلىشىش» پۇرسىتى بەرمەكتە

تەتقىقات ئۆمىكى 45 ياشلىق ALS بىمارىنى كىلىنكىلىق تەجرىبىگە قاتناشتۇرغان. بۇ بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى قول بىلىكى ۋە پۇتى ماغدۇرسىزلىنىش بولۇپ، گەپ – سۆزىنىمۇ چۈشەنمەك تەس ئىكەن. 2023 – يىلى 7 – ئايدا تەتقىقاتچىلار بۇ بىمارغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان BCI ئۈسكۈنىسىنى كۆچۈرگەن. تۆت دانە مىكرو ئېلېكترود سول مېڭە مەركىزىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قويۇلغان، بۇ رايون تىلنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل رايون بولۇپ، . بۇ ئېلېترودلار، چوڭ مېڭە پوستلاق قىسمىدىن كەلگەن ئېلىكتىر ھەرىكەت پائالىيىتىنى خاتىرىلىيەلەيدىكەن.

بىمار ئەسكەرتىش مۇھىتىدە ۋە دەمالىق سۆھپەت مۇھىتىدا بۇ سىستېمىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا، ئاۋازلىق كود يېشىش ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاۋازلىق كود يەشكەندىن كېيىنكى سۆزلەر تېز سۈرئەتتە ئېكراندا كۆرۈنىدىكەن، سىستېمىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئۇنىڭ توغرا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىدىكەن. تەتقىقات كوللېكتىپى يەنە يۇمشاق دېتال بىرىكتۈرۈپ چىقارغان ئاۋازغا مەشىق ئېلىپ بارغان. بۇ ئاۋازلار دەل بىمارنىڭ كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئاۋاز ئەۋرىشكىسى بولۇپ، بىمار ئويلىغان سۆزلەرنى سىستېما يۇقىرى ئاۋازدا «دېكلاماتسىيە» قىلغاندا، ئاڭلىماققا پۈتۈنلەي بىمارنىڭ كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئاۋازىغا ئوخشاش بولىدىكەن.

تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇنجى قېتىملىق ئاۋازلىق سانلىق مەلۇمات مەشىقىدە، بۇ سىستېما 30 مىنۇت سەرپ قىلىپ ، 50 تانە سۆزلۈك ئىشلىتىش ھەمدە ساندانغا توپلاش، ۋە بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىلىشىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى 99.6 % گە ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئىككىنچى قېتىملىق مەشىقتە، سۆزلۈك مىقدارى 125000 سۆزگە كۆپەيگەن. پەقەت 1.4 سائەتلىك ئارتۇقچە مەشىق سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق ،BCI بۇ زور دەرىجىدە كېڭەيگەن سۆزلۈك مىقدارى ئاستىدا 90.2 %توغرىلىق نىسبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان. داۋاملىق سانلىق مەلۇمات توپلىغاندىن كېيىن ، BCI توغرىلىق نىسبىتى 97.5 %نى ساقلىيالىغان.

مەنبە:
UC Davis ساغلاملىق خەۋىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-17 / 04:03:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ