ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشAI ھېسابلاش ئارقىلىق «تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش» مۇۋەپپەقىيەتلىك نىسبىتى 98 %كە يەتتى

AI ھېسابلاش ئارقىلىق «تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش» مۇۋەپپەقىيەتلىك نىسبىتى 98 %كە يەتتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پەن تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

«تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش» ئەنئەنىۋىي تېبابەت دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا ، تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش ئۇسۇلى سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار ( AI ) تېخنىكىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئېراق ۋە ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى تىپتىكى تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئۇلار AI ھېسابلاش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ تىلىنىڭ رەڭگىنى ئانالىز قىلىپ، گىرىپتار بولغان كېسەلنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىكەن، ۋە بۇ خىل مۆلچەرنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %98 كە يېتىدىكەن. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە «تېخنىكا» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى بىر سانىدا ئېلان قىلىندى.

AI ھېسابلاش ئارقىلىق «تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش» مۇۋەپپەقىيەتلىك نىسبىتى 98 %كە يەتتى

تەتقىقاتچىلار 5260 پارچە سۈرەتنى يىغىپ رەتلەپ چىققان، ئاندىن AI ماشىنا ئادەمگە بۇ رەسىملەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ ، ئادەم تىلىنىڭ رەڭگىنى ئانالىز قىلىشنى ئۆگەتكەن. سىناق نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان 60 پارچە بىمارنىڭ تىلىنىڭ سۈرىتى بىلەن گىرىپتار بولغان كېسەلنى بىر بىرى بىلەن ئۇلىيالىغان. بۇ AI سىستېمىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرەلەيدىغان كېسەللىكلەر قەنت كېسىلى، سەكتە، قان ئازلىق، زىققا، جىگەر ۋە ئۆت كېسىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، شۇنداقلا بىر قاتار قان تومۇر ۋە ئاشقازان ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئادەم تىلىنىڭ رەڭگى، شەكلى ۋە قېلىنلىقى بىر قاتار بەدەننىڭ ساغلاملىق ۋەيا كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئادەتتە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تىلى سېرىق رەڭدە بولىدۇ؛ راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تىلى سۆسۈن رەڭدە، يەنە قېلىن ماي بولىدۇ؛ جىددىي خاراكتېرلىك سەكتە بىمارلىرىنىڭ تىلى بولسا بىنورمال شەكىلدىكى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قان ئازلىق بىمارلىرىنىڭ تىلى ئاق رەڭدە بولىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر بىمارلىرىنىڭ تىلى قېنىق قىزىل رەڭدە بولۇشى مۇمكىن؛ قان تومۇر ۋە ئاشقازان ـ ئۈچەي يولى مەسىلىسى ياكى زىققا كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تىلى كۆك ياكى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ.

مەنبە:
news-medical.net
Hassoon, A.R.; Al-Naji, A.; Khalid, G.A.; Chahl, J. (2024) Tongue Disease Prediction Based on Machine Learning Algorithms. Technologies 2024, 12, 97. doihttps://doi.org/ 10.3390/technologies12070097https://www.mdpi.com/2227-7080/12/7/97

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-21 / 09:36:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ