توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئالاقە ئورناتقان كىندىكى دوختۇرنىڭ ياردىمىدە كېسىۋېتىلىپ تاتۇق شەكىللىنىدۇ، بۇ تاتۇق كىندىك دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ كىندىكى بىردىنبىر بولۇپ، ئۇ ھەتتا بارماق ئىزىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بەدىنىمىزنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى باكتېرىيە توپى ئەڭ مول يەر كىندىك كۆزىدۇر. بۇ يەر ئىللىق ھەم نەم بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ياشاپ كۆپىيىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك سورۇندۇر.
ئەڭ دەسلەپكى كىندىك باكتېرىيە تۈركۈمى تەتقىقاتى
2012-يىلى ئېكولوگ روب دۇن (Rob Dunn) يېتەكچىلىكىدىكى بىر كوللېكتىپ كىندىك باكتېرىيە تۈركۈمىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.
ئەلۋەتتە بۇ بىر مۈشكۈل جەريان، چۈنكى كىندىكنى ئازراق سۈرتۈپ قويسىلا بولىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن پىدائىيلارنى تېپىش ناھايىتى تەسكە چۈشكەچكە، نۇرغۇن ئەۋرىشكىلەر بۇ ئەترەتتىكى ئالىملاردىن ئېلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا جەمئىي 60 ئەۋرىشكىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بارلىق ئەۋرىشكىلەردىن جەمئىي 2368 خىل باكتېرىيە بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1458 خىلى ئىلمىي ئۇسۇلدا يېڭىدىن بايقالغان تۈرلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ئادەمنىڭ كىندىك كۆزىدىكى باكتېرىيە ئەۋرىشكىسى ئەڭ ئاز بولغان 29 خىل، ئەڭ كۆپ بولغاندا 107 خىل بولۇپ، ئەمما كۆپ ساندىكى كىندىك كۆزىدە تەخمىنەن 67 خىلى باركەن.
تۈرنىڭ سان جەھەتتىكى پەرقىنىڭ سەۋەبى شەخسنىڭ تازىلىق ئەھۋالىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا يىغىنچاقلانغان، چۈنكى ئاياللاردىكى كىندىك باكتېرىيەسى ئەرلەردىن روشەن ئاز، ئەمما نۇسخا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىندىكىنى تازىلاش ئادىتى بولغان، ئەمما پەقەت %40 ئەردىلا مۇشۇنداق ئادەت بولغان. كىندىك كۆزىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان باكتېرىيە توپى ئىسپورا تاياقچە باكتېرىيەسى بولۇپ، بۇ خىل باكتېرىيە كىشىلەرنىڭ زىيانلىق باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
يەنە بىر خىل ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان باكتېرىيە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى بولۇپ، ئەگەر يارا ئېغىزى پەيدا بولمىسا، ئۇ زىيانسىز بولىدۇ. ئەمما يارا ئېغىزى پەيدا بولغاندا، يۇقۇملىنىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىدۇر.
ئەلۋەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرمايدۇ، لېكىن كېيىنكى قەدەمدە ئالىملار ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىگەن ئىش، يەنى ئۇلار بىر ئالىمنىڭ كىندىك كۆزى باكتېرىيە ئەۋرىشكىسىدىن ياپونىيە تۇپرىقىدىكى ئۆزىگە خاس بىر خىل باكتېرىيەنى بايقىغان، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن ياپونىيەگە بېرىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كىندىكتە بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى، تۇرمۇش يولى ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىر تۇخۇمدىن تۆرەلگەن قوشكېزەكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىندىك كۆزىدىكى باكتېرىيەلەر ئاسمان-زېمىن پەرقلەنگەن.
ئالىملار بۇلارنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز.
ئۇلار يەنە ياش، جىنس، ئىرق، جۇغراپىيە، كىندىك تىپى ۋە قول يۇيۇش چاستوتىسى قاتارلىق ئامىللارنى تەتقىق قىلغان، لېكىن ئۇلار مەۋجۇت بولغان باكتېرىيە تۈرىنىڭ باشقا ھەرقانداق ئامىل بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بايقىغان.
كىندىكتىكى باكتېرىيەنى تەتقىق قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئادەم بەدىنى بىلەن باكتېرىيەنىڭ ئورتاق ياشاش مۇناسىۋىتى ھەمدە باكتېرىيەنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈندۇر.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17779849.shtml