توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مۇچنى كۆپ يېسە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىز ھەر قېتىم مۇچ يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقازىنىمىز ئوتتەك قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن «ئاچچىق يېسە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ» دەيدىغان خاتا قاراش بار. ئۇنداقتا، مۇچ راستتىنلا ئاشقازاننى زەخىملەندۈرەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە مۇچ ئاشقازان ياللۇغى ۋە يارا پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچى ئەمەس. بېيجىڭ داشۆسى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئاشقازان راكىنىڭ تارقىلىش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەكسىچە بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە غەيرىي ستېروئىدلىق ياللۇغقا قارشى دورىلار ئاشقازان ياللۇغى ۋە يارا پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.
مۇچنىڭ تەركىبىدە، ئاساسلىقى «كاپزائىتسىن» بار بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاز مىقداردىكى كاپزائىتسىن ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ۋە قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئاشقازان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ئاشقازاننىڭ مۇھىم توسۇقى بولۇپ، بۇ جەھەتتە كاپزائىتسىن يەنە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
ئۇزاق مۇددەت ئاچچىق يېسە، بەدەنگە پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق نەرسە يېگەندىن كېيىن، بەدىنىدە ھەر خىل بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ئاچچىق نەرسىنى كۆپ يېسە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇچنى كۆپ يېيىشنىڭ پايدىسى ئاز ئەمەس.
1. ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئاز ئاچچىق يېمەكلىك يەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە 6-7 قېتىمغىچە ئاچچىق تاماق يەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈش خەۋپى%14، قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپى%22 تۆۋەنلەيدىكەن.
تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، 2019-يىلى «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى» (JACC)دا ئېلان قىلىنغان، ئىتالىيەدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئاچچىق يېمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق مۇچ ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى%23، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى%31 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
2. بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
مۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن قان تومۇر ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ ئازوت چالا ئوكسىدى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ خىل ماددىنىڭ قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلاش رولى بار بولۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، قان تومۇرلارنىڭ قېرىشى ۋە قېتىشىنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
3. سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بەزىلەر ئاچچىق نەرسە يېسىلا تەرلەپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئاچچىق ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇچ ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمى ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كۈچەيتىپ، ياغنىڭ كۆيۈشىنى تېزلىتىپ، سېمىزلىك نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
4. ئېغىز-يۇتقۇنچاق ئۆسمىسىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ
«جۇڭخۇا ئېپىدېمىئولوگىيە ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەخمىنەن 510 مىڭ دۆلىتىمىز ئاھالىسى قاتناشقان بولۇپ ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەزەلدىن ئاچچىق يېمەيدىغان ياكى ئاندا-ساندا ئاچچىق يېمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى ئاچچىق يەيدىغانلارنىڭ كالپۇك، ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%31 تۆۋەن بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئاچچىق يېيىش ئېغىز-يۇتقۇنچاق راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، بەلكىم كاپزائىتسىن كۆپ خىل ئاقسىلنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىنىڭ دەۋرىيلىكىنى تەڭشەش فاكتورىنى تورمۇزلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق بولغاندا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنۈشىنى توسۇپ، راك كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
5 خىل كىشىلەر ئاچچىق يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.
1. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بارلار
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بار بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاچچىق يېسە جاراھەت يۈزىنى غىدىقلاپ، ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە يارا يۈزىنى كېڭەيتىپ، كېسەلنى ساقايتىش تەس بولۇشى مۇمكىن.
2. كۆز كېسىلى بىمارلىرى
كۆز قىزىرىش كېسىلى ياكى مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئەگەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قىزىلمۇچ يېسە، كۆز قاپىقى ئىششىپ كېتىش ياكى كۆز قىزىتمىسى ئۆرلەپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆز بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. گېموروي بولۇپ قالغانلار
بەك ئاچچىق يېسە، قەۋزىيەت ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ گېموروي بىمارلىرىدا گېموروي ۋېناسىغا قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
4. ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر
قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى ياكى ئاشقازان يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بىمارلىرى ئاچچىق يېگەندە شىللىق پەردىگە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ئاسانلا قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولغانلار
كاپزائىتسىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىشىنى غىدىقلاپ، ئۆت يولى ئېغىزى قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ سپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ئاچچىق يېيىشنىڭ ئۆلچىمى
ئادەتتە يېڭى مۇچنىڭ ھەر قېتىملىق مىقدارى 100g دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قۇرۇق مۇچنىڭ ھەر قېتىملىق مىقدارى 10g دىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. زىيادە ئاچچىق قوبۇل قىلىنسا، ئاشقازان دىۋارىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلاردا قان تولۇش ۋە كېڭىيىش پەيدا قىلىپ، ئاشقازان يارىسىدىن كۆپ قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇچنى سوغۇق ئىچىملىك، قىزىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە يېمەسلىك كېرەك.
ئاچچىق يېمەكلىكلەر ئەسلىدىنلا ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنە سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ، ئىسسىق-سوغۇقنى ئالماشتۇرۇپ يېگەندە، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ. ئىسسىق يېمەكلىكلەرمۇ شۇنداق، يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئاسانلا يۇتقۇنچاق ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا يەنە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، كۆيگەن ئورۇننى غىدىقلاپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئاچچىقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن سۈتنى كۆپ ئىچىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاچچىقنى كۆپ يەپ سالغاندا، ئىختىيارسىز سۇنى جىق ئىچىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە كاپزائىتسىن سۇدا ئېرىمەيدۇ، شۇڭا سۇ ئىچكەندە ئاچچىقنىڭ پەسىيىشى ناتايىن. بۇ ۋاقىتتا، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدىكى سۈتنى ئىچسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى كازېئىن كاپزائىتسىننى نېيتراللاشتۇرۇپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاچچىق تۇيغۇسىنى يېنىكلىتىدۇ.
قىسقىسى، پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىق نەرسە يېسىلا، ئاشقازان-ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى مەجبۇرلىماڭلار. مۇچ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىنىمۇ باشقا يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ئۆزىنى ئاچچىق يېيىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەنبە: نۇر تورى
https://m.nur.cn/news/2025/09/28152705.shtml


