ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقگۆشسىز تاماق يېگەندىمۇ جىگەرنى ماي قاپلايدۇ

گۆشسىز تاماق يېگەندىمۇ جىگەرنى ماي قاپلايدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىزنىڭچە گۆشسىز تاماق بىلەن كۈتۈنگىلى بولامدۇ؟ قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى كۆپرەك يېيىشنىڭ بەدەنگە پايدىسى بارمۇ؟ سىز توغرا دەپ قارىغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى راستىنلا توغرىمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

گۆشسىز تاماق يېگەندىمۇ جىگەرنى ماي قاپلايدۇ

ھازىر، يېمەك-ئىچمەك ئىنتايىن مول، يېيىش جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى زىيان تارتقۇزۇشنى خالىمايدۇ، ئەمما، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، نۇرغۇن كىشىلەردە ترى گىلىتسېرىد يۇقىرى چىقىدۇ؛ يەنە يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ نامۇۋاپىق بولغانلىقىدىن، نۇرغۇن ئادەم سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە كۆپرەك گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا «يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىز بولۇشى»، «گۆشسىز بولۇشى» كىشىلەرنىڭ بارلىق كېسەللىكنى ساقايتىدىغان دورىسىغا ئايلىنىپ، خۇددى گۆش يېمىسىلا، ساغلام بولغىلى بولىدىغاندەك ئويلايدۇ. بەزىلەر بىر يىل جاپا تارتىپ گۆشسىز تاماق يەپمۇ، يەنىلا جىگىرىنى ماي قاپلىغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئوزۇقشۇناسلارنىڭ كۆپ يىللىق كىلىنىكىلىق ئىستاتىستىكىسىدىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەرنىڭ قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرى، جىگەرنى ماي قاپلىشى ئادەتتىكىدەك تاماق يېگۈچىلەردىن قېلىشمايدىكەن. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، چۈنكى گۆشسىز قورۇما تەمسىز بولىدىكەن، شۇڭا گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر قورۇمىغا ئۆسۈملۈك يېغى ۋە تېتىتقۇلارنى كۆپرەك قوشىدىكەن. ھەقىقىي مايسىز يېمەكلىك دېگىنىمىز يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ئاساسىدا، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىمكان بار يېمەكلىكنىڭ ئەسلى تەمىنى ساقلاپ قېلىش بولۇپ، مايسىز، ئوزۇقلۇقى مول، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئەمەل قىلىدىغان پرىنسىپ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئۆسۈملۈك يېغىنى ئاز مىقداردا ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ياغنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

2. ئىمكان بار ماي تەركىبى تۆۋەنرەك ئاق گۆش ۋە قارا گۆش يېيىش.

3. تۇزلۇق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش.

4. مۇۋاپىق تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېمەكلىكنىڭ ئەسلى تەمى ۋە ئوزۇقلۇقىنى ئەڭ چوڭ نىسبەتتە ساقلاپ قېلىش.

5. قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىپ، ماينىڭ بىرىكىشىنى ئازايتىش.

ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېگەندە ئاقسىل يېتەرلىك قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى ئەسلىدىكى ماي تەركىبىنى خورىتىپ، جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماي جىگەرگە يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا مايسىز يېمەك-ئىچمەك دېگىنىمىز يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئىمكان بار يېمەكلىكنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسىل تەركىبى مول يېمەكلىكلەر. مۇشۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ

قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەردە ئوزۇقلۇق مول بولىدۇ، ھەم چۈرۈك ھەم يېيىشلىك بولغانلىقتىن، كۆپچىلىك دائىم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قاتارىدا يەيدۇ. كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى زىيادە يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ بەلغەم پەيدا قىلىدۇ.

ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، تەمىنى ساقلاش ئۈچۈن، بازاردا قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلى قاقلاش، قورۇش، مايدا پىشۇرۇش، ياغ، قەنت، تۇز تەركىبى يۇقىرى بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولماي، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپبەلغەم پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى، نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق پوستىلىق مېۋە يېيىشتىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئۇزاق ۋاقىت يىغىلىپ قالغاندا، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ، ھۆل بەلغەم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە، تىل گېزى قېلىن بولۇش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش، ئىككى پۇتى ئېغىرلاپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى قانداق يېگەندە ساغلام بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مىقدارىنى كونترول قىلىش. كۈندە يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ھەپتىدە 3-5 قېتىم ئازراق يېيىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىمكان بار خام يېيىش. قورۇغان، مايدا پىشۇرغان قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى كۆپ يېمەسلىك ياكى يېمەسلىك، خام ياكى پىشۇرغان قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى يېيىش، مەسىلەن، مىفەن ياكى شوۋىگۈرۈچكە سېلىپ يېيىش كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: ئابدۇۋەلى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-20 / 07:21:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ