بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى چايقىتىپ ياكى ئېگىزگە ئېتىپ كۈلدۈرۈپ ئوينىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خاتا ئادەت.
چۈنكى كىچىك بالىنىڭ بېشى يوغان، بەدىنى كىچىك يەنە كېلىپ بوينى تۇتمىغان بولغاچقا بۇ خىل قوپال ھەرىكەت مېڭە سىلكىنىپ كېتىش، كۆرۈش تور پەردىسى قىل تومۇرلىرىغا قان تولۇش ھەتتا كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراپ كېتىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا بىز ئۇيغۇرلاردا بالا سەللا قاتتىق سىلكىنىپ كەتسە ياكى يىقىلىپ كەتسە مېڭىسىنى ئاسراش ھەم كۆزىنىڭ ئالغاي بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال تۇخۇم ھەم ماتا بىلەن بېشىنى چىڭ تېڭىپ قويىدىغان ياخشى ئادەت بار. بىز بۇنى ئادەتتە باش تەڭلەش دەپ ئاتايمىز. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.