كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق، ئىختىيارسىز پەيدا بولغان سۈيدۈكنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئاياللاردا نىسبەتەن كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. گەرچە كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى چۈشىنىش ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئاياللارنىڭ كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقتىكى سەۋەپلىرى
1. ئاناتومىيە سەۋەبى
ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسانلا كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى ئەرلەرنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ، بۇ دوۋساقنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئاسان غىدىقلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. مەسىلەن، ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت ئاياللارنىڭ داس سۆڭەك ئاستى مۇسكۇلىغا بېسىم بېسىم پەيدا بولۇپ، بۇ مۇسكۇللار دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىنى تىرەپ تۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، داس سۆڭەك تۈۋى مۇسكۇلىنىڭ بوشىشى سەۋەبىدىن، سۈيدۈك سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە ياكى ھەرىكەت قىلغاندا شۇنداق بولىدۇ.
2. ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى
ئاياللارنىڭ ھورمون سەۋىيەسىدە بىر ئۆمۈر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، بولۇپمۇ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمون تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئانىلىق ھورمون سۈيدۈك يولى ۋە دوۋساق ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئانىلىق ھورموننىڭ ئازىيىشى بۇ توقۇلمىلارنىڭ نېپىزلىشى ۋە ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3. ياش ئامىلى
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ دوۋسىقىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە سىغىمچانلىقى ئازىيىپ، دوۋساق مۇسكۇلىمۇ ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، قېرىلىققا ئەگىشىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىمۇ، مەسىلەن: ئاستا خاراكتېرلىك يۆتەل، سېمىزلىك ياكى دىئابېت كېسىلىمۇ كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق نىسبىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
4. باشقا ئامىللار
فىزىيولوگىيەلىك ۋە ھورمون سەۋەبىدىن باشقا، بەزى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئامىللىرىمۇ كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يېمەك – ئىچمەكتىكى كوففېئىن ۋە ئىسپىرت، ئۇزاق مۇددەت قەۋزىيەت بولۇش، شۇنىڭدەك بەزى دورىلارنىڭ ھەممىسى دوۋساقنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سۈيدۈك تۇتالماسلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، روھىي بېسىم ۋە جىددىي كەيپىياتمۇ دوۋساقنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ۋاقتىنچە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق ئەھۋالىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
گەرچە كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىقتىن بەزى ئەھۋاللاردا پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى ئۇسۇللار ئۇنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىدۇ:
داس سۆڭەك تۈۋى مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش: كايگېر ھەرىكىتى (Kegel Exercise) ئارقىلىق داس سۆڭەك تۈۋى مۇسكۇلىنى كۈچەيتكەندە، سۈيدۈكنى كونترول قىلىشنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
ساغلام يېمەك – ئىچمەك: تەركىبىدە كوففېئىن ۋە ئىسپىرت بولغان ئىچىملىكلەردىن ساقلىنىش، تەركىبىدە تالا مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش: بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلەتكەندە دوۋساققا بولغان بېسىمنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش: ئەگەر كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزسە، ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، كەسپىي تەكلىپ ۋە داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ئاياللارنىڭ كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، ئادەتتە ئاناتومىيە قۇرۇلمىسى، ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى، ياش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. گەرچە بۇ خىل ئەھۋال قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق چېنىقىش، يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە داۋالاش ئارقىلىق، كۆپ ساندىكى ئاياللار كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىقنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالايدۇ ۋە ئازايتالايدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ھەمدە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش، ئاياللارنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.