ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ 6 چوڭ سەۋەبى

ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ 6 چوڭ سەۋەبى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ پات-پات چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ تېببىي ئالىملار ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاياللاردىكى كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان

ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ 6 چوڭ سەۋەبى

1. ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: بۇ خىل ھالەت ئادەتتە توققۇز ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىزلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ.

2. ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: نۇرغۇن خانىم–قىزلار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ كۆكسى سىلكىنگەندە ياكى بىرەر نەرسىگە تەگكەندە بىئارام بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇن ۋە سۈت بېزى تۈرلۈك ئاجرالمىلارنى ئاجرىتىپ چىقارغاچقا، بۇ خىل ئاجرالمىلار كۆكسىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا سۇلۇق ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ھەيز كېلىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ.

3. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ 40 كۈنلەر بولغاندا، بالا ھەمراھى كۆپ مىقداردا ئاياللىق ھورمۇن، پىروگسىتىن، پىرولەكتىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سۈت بېزىنى چوڭايتىپ، كۆكرەكنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر بولغاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە داۋام قىلىدۇ. لېكىن بۇنى داۋالاش ھاجەتسىز.

4. تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپئاغرىش: تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆكسى چىڭقىلىپ، كۆبجۈپ، ئەمچەك تۈگمىسى قاتتىقلىشىپ ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل چىڭقىلىشنى لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ يىغىلىشى، ۋېنا تومۇرىنىڭ تولىشى ۋە ئارىلىقتىكى سۇلۇق ئىششىق سەۋەبىدىن سۈت بېزى راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. بالا ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: بۇنىڭدا ھامىلىدارلىق تۇيۇقسىز ئاياغلاشقاچقا، بەدەندىكى ھورمۇن تۆۋەنلەپ، ئەمدىلا تەرەققىي قىلغان كۆكرەك يوغىناشتىن توختىغاچقا كۆكرەكتىكى سۈت بېزى پارچىلىرى ھەم كۆكرەك ئاغرىيدۇ.

6. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىنكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: ئاياللارنىڭ كۆكسى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، جىنسىي ھەۋىسى ئاجىز ياكى جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمىگەنلەرنىڭ كۆكسىگە قان تولۇپ، ئاسانلىقچە يانماي ياكى تولۇق يانماي ئىزچىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللارنىڭ يۇقارقىدەك ئەھۋاللاردا كۆرۈلگەن ئاغرىقلار ئۈچۈن غەم يەپ كېتىشى ھاجەتسىز. لېكىن كۆكسى ئۇزۇن مۇددەت چىڭقىلىپ يانمىسا ياكى كۆكرەكنى تۇتقاندا ئېگىز-پەسلىك بايقالسا، قىرى ئېنىق بىلىنمىسە، ھەرىكەتلەنمەيدىغان مونەكچە بايقالسا دەرھال دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىيدىغان بولغاچقا بۇنى كىچىك ئىش دەپ قاراپ دوختۇرغا بارمايدۇ. لېكىن بۇ بىر خىل خاتا قاراش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن، كېلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندا كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىسا، ئىچ كىيىم تەگسە بىئارام بولسا بۇ كېسەللىكنىڭ بېشارىتىدۇر. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئاسانلا تۇغماسلىق ۋە سۈت بېزى ئۆسمىسى كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

ھەيزدىن بۇرۇن كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆكسى كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر مەلۇم باسقۇچتا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى ياكى تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسا، قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە، ھەيزنىڭ كېلىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ كۆكسىگە تەسىر قىلىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىشتۇر. ئەگەر تېگىشلىك داۋالاش ياكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەيزدىن بۇرۇن باش ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەتتا پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، يېنىك دەرىجىدىكى ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر ھەيزدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقىسىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. بۇ مېدىتسىنادا ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش يىغىندا كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئۇزارغانسېرى سۈت بېزى ئاغرىقى، سۈت بېزى ئۆسمىسى، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز ۋاقتى قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاش ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-08 / 06:17:55

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ