AB قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى تۈزۈلۈش شەكلى
قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستى ئۈستىدە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن ھەرخىل تىپتىكى ۋە شەكىلدىكى ئانتىگېنلەر antigen لەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى قان تىپىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان قان تىپى بولىدۇ.
غەرىپ مېدىتسىناسىدا كۆپپىنچە ئەھۋاللارداا ئىككى چوڭ قان تىپى سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. بۇلار ABO قان تىپى سىستېمىسى ۋە Rh قان تىپى سىستېمىسى. مەسىلەن سىزنىڭ قان تىپىڭىز :
AB Rh+
بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئىككى سىستېمىدىكى قانلار تۆۋەندىكىچە، سىزنىڭ قان تىپىڭىز مۇشۇلارنىڭ بىرى.
A+, A-, B+, B-, O+, O-, AB+, AB-
رەسىمدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستلىقىدىكى سېرىق شەكىلدىكىلەر A ۋە B ئانتىگېننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل قانغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قان تومۇرىدىكى قان زەردابىدا A ۋەيا B گە قارشى تۇرىدىغان ئانتىبادى بولمايدۇ. بۇ كىشىلەرگە Rh تىپى ئوخشاش بولغان ئا، ب، ئاب، ئو قايسى تۈردىكى قان بولسا بولىۋېرىدۇ.
خەلق تىلىمىزدىكى قان تىپى بىلەن قان گۇرۇپپىسى نورمالدا بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
قان تىپى سىستېمىسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.