ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەردىئابېتنېمىشقا ياشلاردا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى قالىدۇ؟

نېمىشقا ياشلاردا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى قالىدۇ؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياشلاردا دىئابېت كېسىلى بارلىقى بايقالدى، بولۇپمۇ 20 نەچچە ياش، 30 ياشتىن ئاشقانلاردا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەمدىلا كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى.

بەزىلىرى پەقەت ئاندا-ساندا ئېغىزى قۇرۇپ، بىر نەچچە يۇتۇم سۇنى ئارتۇق ئىچكەن، لېكىن مەسىلىنىڭ قان شېكىرىدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.

كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ بىر ئەۋلاد ياشلار بەك مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمىگەن، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتىدۇ، كالورىيەنى كونترول قىلىۋاتىدۇ، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر قوپۇۋاتىدۇ، نېمىشقا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟

نېمىشقا ياشلاردا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى قالىدۇ؟

بەزى دوختۇرلار: «گەپ ئۇلارنىڭ كۆپ تاماق يېگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بەك زامانىۋىي ياشىغانلىقىدا» دەيدۇ.

تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرسىلا، بەدەن رىتىمى ئۆزگىرىدۇ، ئىنسۇلىندىن ئىبارەت بۇ سىستېما رىتىمنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىدىن ئەڭ قورقىدۇ. قالايمىقانچىلىق چىقسىلا ئۇ گەپ ئاڭلىماسلىققا باشلايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كاشىلا چىقىدۇ.

ئۇ كاشىلا نېمە؟ بىر چىشلەم شېكەرنى كۆپ يەۋەتكەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا يېتەرلىك بولمايدۇ، مانا بۇ «چىدامچانلىقنىڭ ناچارلىشىشى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇمۇ دىيابېت كېسىلىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى.

نۇرغۇن ياشلار قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئادەت بار، ئۇ قارىماققا ئازادە، كۆڭۈل ئېچىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مېتابولىزم سىستېمىسىغا مىنا كۆمۈپ قويىدۇ، بۇ دەل يېتىپ قىسقا فىلىم كۆرۈش.

بۇ ئىش ئاڭلىماققا تۇتۇرۇقسىز ئىشتەك ئاڭلىنىدۇ

لېكىن مەسىلە شۇكى، «ئىكران فىلىم سىيرىش» ھەرىكىتى قارىماققا ئىنتايىن تىنچ كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەن بىر خىل ھۇرۇنلۇق ھەم ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، مۇسكۇل مىدىرلىمايدۇ، لېكىن چوڭ مېڭە داۋاملىق ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ، بۇ، غىدىقلىنىش+مىدىرلىماسلىق ھالىتى ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى ئەڭ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى تەتقىقات كوللېكتىپى PET تەسۋىر چۈشۈرگۈچ ئارقىلىق ئادەمنىڭ تېز رىتىملىق ۋىدېيو كۆرگەن چاغدىكى چوڭ مېڭە ئىنكاسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، بەدەن مىدىرلىمىسىمۇ، چوڭ مېڭە رايونىنىڭ يەنىلا يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەنگە ئوخشاش ھاياجانلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدۇ، چۈنكى بەدەن سىزنى تاماق يەيدۇ دەپ قارايدۇ.

ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۇ خىل «ساختا ئىنسۇلىن غىدىقلاش» بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىنسۇلىن كۈچەپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قوبۇل قىلغۇچى بەدەن چارچاپ، سىگنال قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ «ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.

سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ 12 مىڭ ياشنىڭ توغرا كەسمە يۈز تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق قىسقا سىن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قەنت مىقدارىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى سېلىشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىن %45 يۇقىرى بولىدىكەن.

مۇھىمى، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سېمىز ئەمەس، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىمۇ ئانچە يەپ كەتمەيدۇ، پەقەت بىر-بىرلەپ كارىۋاتتا، سافادا، مېترودا ئولتۇرۇپ، توختىماي تېلفون ينايدۇ، بەدەننىڭ سىرتتىن ئىچىگە بولغان مېتابولىزم مېخانىزمىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

يەنە بىر چوڭقۇر يوشۇرۇنغان قىزىقىش بار، نۇرغۇن كىشىلەر تاماقنى ئازلىتىپ ئورۇقلاشنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايدۇ.

تاماقتىن چەكلەش ياخشى ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەش، لوگىكا يوق دېگەنلىكتۇر.

نۇرغۇن كىشىلەر «شېكەرنى، ماينى، كاربوننى ئۈزۈش» بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاماق يېمىگەندە پەقەت سۇنى تاماق ئورنىدا ئىچىدۇ، كاربون سۈيىگە تەگمىگەندە پەقەت ئاقسىل تالقىنىنى يەيدۇ، نەتىجىدە ئۈچ كۈندە ئىككى جىڭ ئورۇقلايدۇ، بىر ھەپتىدە بەش جىڭ ئورۇقلايدۇ، ئاندىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىشكە باشلايدۇ.

بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلى ئىنسۇلىن سىستېمىسىنى قايتا-قايتا غىدىقلاپ، ئىنسۇلىن قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىدۇ.

بولۇپمۇ «كاربوندىن قورقۇش كېسىلى» بار كىشىلەر گۈرۈچ تامىقى ۋە ئۈگرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ.

مەسىلە شۇكى، كاربون سۈيى ئەمەلىيەتتە ئىنسۇلىن خىزمىتىنىڭ «مەشىقلەندۈرگۈچىسى» بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا كاربون سۈيى قوبۇل قىلىش ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە.

جۇڭگو تەيۋەن چاڭ گېڭ خاتىرە دوختۇرخانىسى بىر تۈرلۈك سېلىشتۇرما تەجرىبىسىدە، ئۇزاق مۇددەت كاربون سۈيى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بەك تۆۋەن (ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىدىن %25 تۆۋەن) كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكى بىر يىل ئىچىدە %30 كە يېقىن تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، تەڭپۇڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلىدىغانلاردىن خېلىلا ناچار ئىكەن.

يەنە بەزى ياشلار «تاماق يېمەسلىك»نى خىسلەتلىك دورا قىلىپ، 24 سائەت، 48 سائەتلىك يۇقىرى چاستوتىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ خىل مەشغۇلات ھەقىقەتەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، لېكىن يېمەك-ئىچمەك ئەسلىگە كەلسىلا، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى خۇددى چۈشۈرگۈچنى بۆسۈپ ئۆتكەنگە ئوخشاش شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ، ئەكسىچە قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ رىقابەت ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مېتابولىزم تەتقىقات مەركىزى كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى ئەسكەرتكەن: قىسقا مۇددەت تاماقنى چەكلەش ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىنسۇلىن سىستېمىسىنى ئاسانلا «خورىتىۋېتىدۇ.»

يەنە بىرى، «ئۇزۇن مۇددەت كېچىدە چىراغنى ئۆچۈرمەسلىك» ئادىتى، بۇ ئىش ئاڭلىماققا كىچىك ئىشتەك بىلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كارىۋات بېشىدىكى چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇخلاشنى ياكى كومپيۇتېر ئېكرانىنى ئەتمەسلىكنى، تېلېۋىزورنى ئۆچۈرمەي ئۇخلاشنى، ھەتتا تىڭشىغۇچ تاقاپ رادىيو ئاڭلىغاچ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

بۇ نۇر مەنبەسى ۋە ئاۋازلارنىڭ غىدىقلىشى بەدەنگە نىسبەتەن يوشۇرۇن «كېچە-كۈندۈز رىتىم بۇزغۇچى» ھېسابلىنىدۇ.

ئادەم بەدىنىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشى كېچە-كۈندۈز رىتىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەچتە ئارام ئالىدىغان ۋاقىت بولسىلا، چوڭ مېڭە تېخى كۈندۈز دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ.

مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى ئەكسىچە داۋاملىق جانلىنىدۇ، بۇ ئەسلىدە كېچىدە «ئىشتىن توختاپ قېلىش»قا تېگىشلىك سىستېما بولۇپ، يورۇقلۇق مەجبۇرىي ئويغىنىپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ.

ئامېرىكا خارۋارد داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ 2019-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك ئۇيقۇ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېچىدە تۆۋەن مىقداردا كۆك نۇر ئاستىدا ئۇخلىغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئىنسۇلىن سەۋىيەسى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن ئۇخلاش مۇھىتىدىكى قان شېكىرى %17 يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇش دەرىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.

بۇ خىل ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنكاسى ئالمىشىپ، بەدەن «ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە ئىشلەتمەسلىك، ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بولمىغاندا قالايمىقان ئىشلىتىش»تەك قالايمىقانچىلىق ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ.

يەنە بىرى، قارىماققا ساغلاملىققا تېخىمۇ ئوخشايدىغان، ئىنسۇلىننىمۇ زەخىملەندۈرىدىغان «قەنتسىز ئىچىملىككە خۇمار بولۇش»تۇر.

نۇرغۇن ياشلار ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى قەنتسىز كولا، قەنتسىز ئەتكەن چاي، قەنتسىز كۆپۈكچە سۇ ئىچىدۇ، بۇ مېۋە شەربىتى ئىچكەنگە قارىغاندا ساغلام، دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇ قەنتسىز ئىچىملىكلەر ئىچىدىكى بىر مەسىلىگە سەل قارايدۇ، بەزىلەرنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن رېئاكسىيەسىنى باشلايدۇ.

مەسىلەن، سۇبارېن، تىرىخىلوروساخارىد قاتارلىق ساخارىد ماددىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن تىلدىكى تاتلىق تەم رېتسېپتورنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنى «شېكەر كىردى» دەپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن قويۇپ بېرىشكە باشلايدۇ.

لېكىن قان شېكىرى ئۆرلىمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن بىكاردىن-بىكار «قاترايدۇ»، بۇ خىل خوراش ئىنسۇلىن سىستېمىسىنى بارغانسېرى ئاستىلىتىۋېتىدۇ.

«Cell Metabolism»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت گلۇكوزا ئىچىملىكىنى ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنسۇلىن رېئاكسىيە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، بولۇپمۇ ئىچىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىنسۇلىن ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

بۇ خىل قارىماققا ساغلام تاللاش ئادىتىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل يوشۇرۇن ئىنسۇلىن مەشىقىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق بولغىنى شۇكى، بەزى كىشىلەر قەنتسىز ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنسېرى، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ، بۇ پىسخىكىلىق تولۇقلاش مېخانىزمىنىڭ تەسىرى.

بۇ ھەۋەسلەرنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار: ئۇلار ھەقىقىي مەنىدىكى بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى بەك كۆپ بولماستىن، بەلكى «غىدىقلىنىشى بەك كۆپ».

ئىنسۇلىن ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇزۇلۇپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى « خاتا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش»، «قالايمىقان ئىشلىتىلىش» سەۋەبىدىن ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ.

بۇ خۇددى مەخسۇس باج يىغىشنى باشقۇرىدىغان سىستېمىغا ئوخشاش، كۈندە زەربىدارلىق بىلەن ھېسابات تەكشۈرىدۇ، خىزمەت كۆپ بولۇپ كەتسە، رېتىمى قالايمىقانلىشىپ، ئاخىرىدا سىستېما پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر قان شېكىرىنىڭ سانىغا تىكىلىپ قاراپ، نورمالسىزلىق بايقالغاندىن كېيىن ئاندىن «قانداق تۆۋەنلىتىش»نى ئويلايدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، بەدەن ئەمەلىيەتتە كۆپ سىيىش، تاماقتىن كېيىن مۈگدەش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق «كىچىك سىگناللار»غا ئەسكەرتىلگەن، لېكىن ھېچكىم بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان.

ھەقىقىي دىيابېت كېسىلى قان شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسىنى كۈندىن-كۈنگە كاردىن چىقىرىۋەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.

بۇنىڭغا سىزنىڭ قانداق پىكىرىڭىز بار؟ ئىنكاس رايونىدا بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/27950364.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-11-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-11-15 / 09:08:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ