ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دوۋساقتىكى سۈيدۈك بەلگىلىك سىغىمچانلىققا يەتكەندە، ئادەمنىڭ ئاندىن كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ، ئەگەر ئەتراپ مۇھىتى يېتەرلىك بولسا (تازىلىق ئۆيى بولسا )، چوڭ مېڭىدىن ئىبارەت بۇ «قوماندانلىق ئىشتابى» بۇيرۇق چىقىرىپ، دوۋساق مۇسكۇلىنى قىسقارتىپ، سۈيدۈك يولىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇپ، سۈيدۈكنى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.
پۈتكۈل جەريان ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، سۈيدۈك يولى خۇددى «سۇ تۇرۇبىسى» غا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ھالقىدا مەسىلە كۆرۈلسە، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەر قانداق ياش باسقۇچىدا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق نورمال ئەھۋال ئەمەس. ياشانغان ئەرلەرنىڭ كىچىك تەرىتى راۋان بولماسلىقتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب بولسا مەزى بېزى ياللۇغى بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، تەپسىلىي تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ مەزى بېزى راكى خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك.
ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، كىچىك تەرەتنىڭ راۋان ياكى راۋان ئەمەسلىكى بىر خىل سۇبيېكتىپ سېزىم، ئۇ كەيپىيات، مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر سىز دائىم كىچىك تەرەتنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، مۇناسىپ ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۈيدۈك ئاز كېلىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالسا بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17743391.shtml