ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىدىئابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ

دىئابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دىيابېت كېسىلى يۈرەك كېسىلىنىڭ بىر چوڭ خەۋپلىك ئامىلى، يېقىندا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاپپارات بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئايال دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئەرلەرنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى، قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن بالدۇر بولۇپلا قالماي، تۇنجى قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

دىئابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ

ئامېرىكا كولورادو داشۆسى ۋە تېكساس داشۆسىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئاياللارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىدىن تېخىمۇ «قورقۇش»ىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇلار بۇ كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن زىيىنىنىڭتۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتەمەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

1. فىزىئولوگىيىلىك پەرق. ئەر بىمارلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان نۇرغۇن ئايال ئەمەلىيەتتە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بولغان ياكى ئۇلاردا قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى، قورساق قىسمى سېمىزلىك ۋە قان تومۇر ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل يۈرەك كېسىلى خەۋپ-خەتەر ئامىلى مەۋجۇت بولغان بولىدىكەن. تۇنجى قېتىم دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ كۆرسەتكۈچى ئادەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغ كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

2. داۋالاشتىكى پەرق. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى دىياگنوزى قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر يىلدا، ئايال بىمارلارنىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىماللىقى ئەرلەرنىڭكىدىن %10 تۆۋەن بولىدىكەن، باشقا يۈرەك ئاسراش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ %7 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئايال بىمارلارنىڭ قان شېكىرى، قان بېسىمى، خولېستېرىن، تاماكا ۋە ھاراقنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئومۇمىي ئۈنۈمى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

تەتقىقاتچى، دوكتور رېگنستېنېر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئايال دىيابېت بىمارلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەر بىمارلار قارىغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك.

كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 10:55:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ