ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقى
sciatic nerve compression (Sciatica)
坐骨神经痛
siyatik sinir sıkışması ağrısı
سېمىزلىك، تېز سەمىرىپ تېز ئورۇقلاش، تاشقى زەربە، ھەرىكەت ئازلىق، دىئابېت، قېرىلىق، ھامىلدارلىق… سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى قىسىلىپ قېلىپ، ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئاغرىق، كاسسا يانپاشتىن تارتىپ پۇتنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ھەرقانداق بىر قىسىمدا پەيدا بولۇشى مۇمكىن
سوئال:
دوختور مۇشۇ كېسەلنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى قانداق بولدۇ؟
نۇر دوختۇر جاۋابى:
ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقى داۋالاش ئۇسۇللىرى:
1. ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىش
2. ھورمونلۇق دورا ئىچىش
3. يەرلىك قىسىمغا ھورمون ئوكۇلى، ئاغرىق توختىتىش ئۇكۇلى ئۇرۇش
4. ئوپىراتسىيە قىلىپ شۇ يەردىكى مۇسكۇل ياكى پەينى بوشىتىش
5. ئاغرىق توختىتىش چاپلىقى چاپلاش
6. ئاغرىق توختىتىش مېيى سۈركەش
1. يىڭنە سانجىپ داۋالاش
2. تۇز ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش
3. لوڭقا قويۇپ داۋالاش
4. ئۇۋۇلاپ داۋالاش
يۇقارقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ دىئاگنوزى توغرا قويۇلغاندىن كېيىن ئاندىن شۇلارنىڭ تەۋسىيەسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت :
1. رېتىملىق چېنىقىپ بېرىش
2. زىيادە سەمىرىپ كېتىش، ۋەيا سېمىزلىكتىن ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماق يىمەي بىنورمال ئورۇقلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ھازىرچە ئېسىمگە كەلگىنى مۇشۇلار. ۋاقىت تۈپەيلى، بىراز يۈزەكى يېزىپ قويدۇم. كېيىن تەپسىلىيرەك كېڭەيتىپ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.