سىز دوختۇرخانىلارنىڭ ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى رەختلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېشىل ياكى كۆك رەڭ بولۇشنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىپ باققانمۇ؟ قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ تاللاشنىڭ ئارقىسىدا پەقەت گۈزەل بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسى ۋە پىسخولوگىيە ئاساسى بار.
ئالدى بىلەن، يېشىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭ – قىزىل رەڭنىڭ تولۇقلىغۇچى رەڭگىدۇر. بۇ ئۇزۇن مەزگىل قىزىل قان ۋە توقۇلمىلارغا دىققەت قىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا. دوختۇر ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئۇزۇن ۋاقىت قىزىل رەڭگە تىكىلىپ قارىغاندا، يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك رەخت ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە تەڭشىلىشىگە ياردەم بېرىپ، كۆرۈش سېزىمى چارچاشنى يېنىكلىتىدۇ. بۇ خىل كۆرۈش سېزىمى سېلىشتۇرمىسى دوختۇرلارنىڭ يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتا ئېنىق كۆرۈش دائىرىسى ۋە مەركەزلەشتۈرۈش كۈچىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ رەڭلەر ئوپېراتسىيە ئۆيىدىكى چىراغ نۇرىنىڭ قايتىشىدىن پەيدا بولىدىغان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرنى ئازايتالايدۇ. ئوپېراتسىيە جەريانىدا، كۈچلۈك چىراغ نۇرى يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك رەختكە چۈشكەندە، كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇر قايتۇرمايدۇ، بۇ ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتىغا تېخىمۇ ياخشى دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل ۋە كۆك رەڭ يەنە تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. بۇ رەڭلەر ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى دوختۇر ۋە بىمارنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ سوغۇققان ۋە كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق.
ئەڭ ئاخىرىدا، يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك رەختنى تاللاشنىڭ يەنە بىر ئەمەلىي سەۋەبى بار، ئۇلار ئوپېراتسىيە جەريانىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان قان دېغى ۋە باشقا داغلارنى يوشۇرۇپ، ئوپېراتسىيە مۇھىتىنى تېخىمۇ پاكىز ۋە كەسپىي كۆرسىتىدۇ.
ئەمدى سىز دوختۇرخانىلاردا نىمە ئۈچۈن يېشىل ياكى كۆڭ رەڭنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەنسىز؟ يۇقارىدا تىلغا ئالغانلاردىن باشقا سەۋەپلىرىنى بىلسىڭىز، بىز بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى ئۇنۇتماڭ.