ئانا سەھىپەرەسىملەرتىببىي ئەسۋاپ بويۇملارقان ئانالىزى ۋە سېنترىفۇگ ماشىنىسى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

قان ئانالىزى ۋە سېنترىفۇگ ماشىنىسى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سېنترىفۇگ ماشىنىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى مەركەزدىن قېچىش كۈچى قوللىنىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، سېنترىفۇگ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا، ئەۋرىشكىدىكى ئوخشاش بولمىغان تەركىبلەر مەركەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە زىچلىق پەرقىگە ئاساسەن ئايرىلىپ چىقىدۇ. زىچلىقى بىر قەدەر چوڭ تەركىبلەر سىرتقا يەنى پروبىركىنىڭ تۆۋەن قىسىمىغا چۆكىدۇ، زىچلىقى بىر قەدەر كىچىك تەركىبلەر مەركەزگە ئىتتىرىلىدۇدە پروبىركىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا قالىدۇ.

قان تەكشۈرۈشتە، قان ئەۋرىشكىسى مەركەزدىن قاچما نەيچە پروبىركىغا سېلىنىدۇ ھەمدە سېنترىفۇگ ئىچىگە سېلىنىدۇ. سېنترىفۇگنى قوزغاتقاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قەۋەتلەرگە بۆلۈنۈش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ:

قىزىل قان ھۈجەيرىسى:زىچلىقى ئەڭ چوڭ بولغاچقا، قىزىل قان ھۈجەيرىسى نەيچە ئاستىغا ئىتتىرىلىدۇ.

ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پىلاستىنكىلىرى:بۇ تەركىبلەرنىڭ زىچلىقى قىزىل قان ھۈجەيرىسى بىلەن قان پىلازمىسى ئارىسىدا بولۇپ، بىر نېپىز قەۋەت ھاسىل قىلىدۇ، بۇ «ئاق قان ھۈجەيرىسى قەۋىتى» ، «بۇففېر قەۋىتى» ياكى «ئاچ سېرىق قەۋىتى» دەپ ئاتىلىدۇ.

قان پلازمىسى:زىچلىقى ئەڭ كىچىك بولۇپ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە جايلاشقان بولىدۇ. ئىچىدە سۇ، ئاقسىل، ئوزۇقلۇق ماددىلار، مېنىرال ماددىلار، ھورمونلار…نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قاندىكى ھەرقايسى تەركىبلەر ئۈنۈملۈك ئاجرىتىلىپ، دوختۇرنىڭ تەپسىلىي تەھلىل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ، مەسىلەن، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ سانىنى ئۆلچەش ھەمدە قان پلازمىسىدىكى ھەر خىل تەركىبلەرنى تەكشۈرۈش.

تۆۋەندە قان ئانالىزى جەريانىدا پروبىركىدىكى قاننىڭ كۆرۈنۈشى، قاننىڭ قاتلاملارغا ئايرىلىشى ، سېنترىفۇگ ماشىنىسى كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى.

قان ئانالىزى ۋە سېنترىفۇگ ماشىنىسى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-21 / 04:04:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ