نىكېلنىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مىنېرال ماددا نىكېلنىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى:Ni

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا نىكېلنى ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق مىكرو ئېلېمېنت دەپ پەرەز قىلغان، ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن يەكۈنگە ئېرىشەلمىگەنىدى. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 1974-يىلغا كەلگەندە كىشىلەر ئاندىن نىكېلنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسپاتلىدى، لېكىن نىكېلنىڭ رولىغا نىسبەتەن چۈشەنچە بۈگۈنگە قەدەر ناھايىتى يۈزە ھالەتتە تۇرماقتا.

نىكېلنىڭ رولى

ئاساسلىق رولى: DNA نىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە،   RNA نىڭ نۇسخىلىنىشىغا ۋە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۆمۈرنىڭ شۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى گەۋدىلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا نىسبەتەن بەلگىلىك قوغداش رولى بار.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق نىكېلنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىكى مۇھىتتا نىكېلنىڭ مەنبەسى مول بولغانلىقتىن، نىكېل يېتىشمەسلىك ھادىسىسى ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ.

نىكېلنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش رولى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئورگانىزىمدا نىكېل يېتىشمىگەندە ئىنسۇلىننىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى بىمارلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق مىقداردا نىكېل تولۇقلىسا بەدەننىڭ تۆمۈرنى شۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىكېل مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، تەركىبىدە نىكېل مول يېمەكلىكلەردىن ئاغىچە (بادرەڭ)، پىياز، خەيدەي، سۇڭپىياز، موگۇ، چەيزە (پېدىگەن)، تەرخەمەك قاتارلىقلار بار. ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىكېل مىقدارى ئادەتتە بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، بۇلاردىن تەركىبىدە نىكېل مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغىنى بېلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

1982-يىلى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورگىنى نىكېل مىقدارى زىيادە كۆپ مۇھىتنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن راك پەيدا قىلىش زىيىنى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

نىكېل ۋە ئۇنىڭ بىرىكمىلىرىنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان زىيىنى نىكېل بىلەن ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.

چەت ئەللەردە خەۋەر قىلىنىشچە، نىكېل كالتسىي ئوكسالات كرىستالنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇڭا ئۇ سۈيدۈك تېشىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىكېلنىڭ شۈمۈرۈلۈشى ئاشۇرۇلسا، ئۇ ھامىلىنىڭ تېنىدە جۇغلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىكېل بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.

نىكېلغا قارىتا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغان كىشىلەر زىننەت بۇيۇملىرى، كۆزئەينەك، قول سائىتى ياكى قاچا-قۇچا تاللاپ  سېتىۋېلىشتا، <تەركىبىدە نىكېل يوق> دېگەن چۈشەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى لازىم.

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

ئادەم بەدىنىنىڭ نىكېلغا بولغان كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 0.2-0.5 مىللىگرام.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

نىكىل Ni

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-08 / 06:55:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

Previous article

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ