ئۆپكە ئاناتومىيىسى، تۈزۈلۈشى، ئورنى ۋە رولى
ئۆپكە كۆكرەك قەپىسىنىڭ ئىچىدە جايلاشقان بولىدۇ. ئوڭ سول دەپ ئىككى پارچىسى بولىدۇ. ھەم ھەربىر پارچىسى كىچىك قاناتلارغا بۆلۈنىدۇ. نورمال ئۆپكە بىراز قىزغۇش، پاكىز، يۇمران ھەم بىراز ئىلاستىكىلىققا ئىگە. نورمال قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆپكىسىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈن بەدىنىنىڭ 1/50گە تەڭ كېلىدۇ. ئەرلەرنىڭ 1-1.3 كىلوگىرام ئەتراپىدا. ئاياللارنىڭ 0.8-1 كېلوگرام ئەتراپىدا. نورمال قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى 5000-6500 مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن ئازراق، ئۆپكە كېسىلى بارلارنىڭ، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ.
ئىنسان نەپەس ئېلىش ئارقىلىق ئالغان ھاۋا يۇقىرى نەپەس يولى يەنى بۇرۇن ئېغىز بوشلۇقىدىن كېكىردەككە كېلىپ، بۇ يەردىن كېكىردەك قاپقىدىن ئۆتۈپ كاناي، كانايچە ئاندىن ئۆپكىگە بارىدۇ.
ئۆپكىدە ئاساسلىقى قاندىكى گازلارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوكسىگېننى قانغا بېرىپ، قاندىكى كاربون ئىككى ئوكسىدنى ئېلىۋېلىپ سىرتقى دۇنياغا چىقىرۋېتىدۇ. پۈتۈن بەدەندىن يۈرەككە كەلگەن قاندا كاربون ئىككى ئوكسىدلەر كۆپرەك بولىدۇ. بۇ قان يۈرەكنىڭ ئوڭ دالانچىسىدىن ئوڭ قېرىنچىگە كېلىدۇ، ئاندىن ئوڭ قېرىنچىدىن ئۆپكىگە ئېتىپ بېرىدۇ. ئۆپكىگە قاراپ ماڭغان قانلار قان تومۇرلار ئارقىلىق ئۆپكە پۈۋۋەكچىلىرىگە قەدەر بارىدۇ، ۋە شۇ يەردە ئوكسىگىن – كاربون ئىككى ئوكسىد ئالمىشىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۆپكىدىكى يېڭى ئوكسىگىن ئالغان قانلار يۈرەكنىڭ سول دالانچىسىگە كېلىدۇ، ئاندىن سول دالانچىدىن سول قېرىنچىگە بارىدۇ. ئاندىن پۈتۈن بەدەنگە ئېتىپ بېرىدۇ.
كاناي شاخچىلىرىنىڭ ئۆپكىگە بېرىش يوللىرىغا ئاساسەن ئۆپكە بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن. نورمالدا ئوڭ، سول تەرەپتە 10 دىن بۆلەككە بۆلۈنگەن. بۇنداق بۆلۈشنىڭ كىلىنىكلىك داۋالاشتىكى ئەھمىيىتى، مۇشۇ بۆلەكلەرگە ئاساسەن ئۆسمە راك ئوپىراتسىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.