ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار ساغلاملىقىياشانغانلار كۈتۈنۈشتە تۆت مۇھىم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ

ياشانغانلار كۈتۈنۈشتە تۆت مۇھىم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

چىش چوتكىلاش، يول مېڭىش، پۇت چىلاش، يۇيۇنۇش

زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىس: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا ئارمىيەسى ئالاھىدە تېببىي ئىلىم مەركىزى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ تاۋخۇڭ

ياشانغانلار كۈتۈنۈشتە تۆت مۇھىم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ

نۇرغۇن ياشانغانلاركۈتۈنۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن توغرا ئۇسۇل ۋە ۋاقىتنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا ئارمىيەسى ئالاھىدە تېببىي ئىلىم مەركىزى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇ تاۋخۇڭ ياشانغانلارغا تۆت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن: چىش چوتكىلاش. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلاش چىش ساغلاملىقىغا زىيانلىق، چۈنكى چىش تاجىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت ئېمال ماددىسى بولغاچقا، ئەمدىلا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، ئېمال ماددىسى يۇمشاپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەرھال چىش چوتكىلاش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چىش ئېمال ماددىسى تەدرىجىي ئازىيىپ، ئاسانلا چىش ماددىسى زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بىر نەرسە يېگەندە تېلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلارغا تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاندىن چىش چوتكىلاپ، چىش قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

تاماق يەپ بىر سائەتتىن كېيىن: يول مېڭىش. تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن بىر سائەت ئەتراپىدا ئارام ئېلىپ ئاندىن سەيلە قىلىش كېرەك. سەيلە قىلىشتىن بۇرۇن ئاددىي بەدەن قىزىتىش كېرەك، مەسىلەن، پۇت-قوللارنى ئۇۋۇلاش، بىلەكنى كۆتۈرۈش، بەدەننى سوزۇش قاتارلىقلار. سەيلە قىلىش قىياپىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، باشنى كۆتۈرۈپ مەيدىنى تىك تۇتۇش، كۆكرەك قىسمىنى بېسىۋېلىپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش، چوڭ قەدەم ئالماسلىق ياكى بەك تېز ماڭماسلىق كېرەك. ئۆكچىنىڭ ئاۋۋال يەرگە تېگىشىگە دىققەت قىلىش، ئىككى بىلەكنى مېڭىش رىتىمىغا ئەگىشىپ ئالدى-كەينىگە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەۋرىتىش كېرەك. ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا ياكى چىغىر يولدا ماڭماسلىق، قولنى كەينىگە قىلىپ ياكى تەتۈر ماڭماسلىق كېرەك. سەيلە قىلىش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

كەچ سائەت 9دا: پۇت چىلاش. كەچتە پۇت چىلىغاندا بەدەننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئاشقاندىن كېيىن، بەدەندىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قاننى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ياشانغانلار سولياۋ چېلەكتە پۇت چىلىماسلىق، ئەڭ ياخشىسى چوڭقۇرراق ياغاچ چېلەكنى تاللاش كېرەك. سۇتېمپېراتۇرىسى بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئادەتتە 40 ~45 سېلسىيە گىرادۇس بولسا ئەڭ ياخشى. سۇ پۇتنىڭ دۈمبىسىنى تولۇق چۆكتۈرەلەيدىغان بولۇش، ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ياشانغانلار پۇتنى ئۇزاق چىلىسا ئاسان تەرلەپ، يۈرىكى سالىدۇ، شۇڭا 20~25 مىنۇت بولسىلا بولىدۇ. پۇتنى چىلاپ بولغاندىن كېيىن، پۇت تېگىنى ئۇۋۇلاشنى ماسلاشتۇرسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئۇخلاشتىن 90 مىنۇت بۇرۇن: يۇيۇنۇش. بۇنداق بولغاندا، ئۇخلاش ئالدىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسى دەل ئۇيقۇغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرىغا چۈشىدۇ. يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن 150 مىللىلىتىرئەتراپىدا ئىلمان سۇ ئىچسە، ياشانغانلارنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يۇيۇنۇش ۋاقتىنى 15 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك، بولمىسا قىلدام تومۇرلار كېڭىيىش، مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئوكسىگېن ۋە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك سانجىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ ياخشىسى 40 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. بەزى ياشانغانلار يۇيۇنغاندا ناھايىتى كۈچەپ ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇۋۇلاپ «كىر» چىقارغاندا ئاندىن پاكىز بولغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يازدا ھەر كۈنى يۇيۇنغاندا، كۈندە ئۇۋۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق، بولمىسا تېرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، ھەتتا قېرىتىۋېتىدۇ، ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك. يەنە ئەسكەرتىشكەتېگىشلىكى شۇكى، مۇنچىغا كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنى قۇلۇپلىماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، ئائىلىدىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇشىغا قولايلىق بولىدۇ.

كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 11:04:41

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ