ئانا سەھىپەتەكشۈرۈشلەرقان تەكشۈرۈشلىرىقان تەكشۈرۈشتىكى ماي ماددىسى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

قان تەكشۈرۈشتىكى ماي ماددىسى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دوختۇرخانىغا باردىڭىز، قان تەكشۈرۈش قىلدىڭىز، دوختۇر بەك ئالدىراش، سىزگە ئاددىيلا قىلىپ بەدىنىڭدە بىر چوڭ مەسىلە يوق دەپلا جاۋاپ قايتۇردى. سىز مەيۈسلەنگەن ھالدا سىرتقا چىقىپ ، قولىدىڭىزدىكى تەكشۈرۈش نەتىجە قەغىزىنى ئوڭغا ئۆرۈپ سولغا چۆرۈپ تەكرار تەكرار قاراپ كەتتىڭىز ۋە ئۈستىدىكى سان سېفىرلارنى چۈشىنىشكە تىرىشتىڭىزيۇ يەنىلا گاڭگىراپ قالدىڭىز. ئۇ سانلىق ئۇچۇرلار ئىچىدە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى يۇقىرى چىققانلىقى دىققىتىڭىزنى تارتىپ قالدى. ۋۇي؟ يۇقىرى زىچلىق؟ ياغ ئاقسىل؟ يۇقىرى چىقىپتىغۇ؟ قېنىمدا ماي قويۇقلىشىش بارمۇ نىمە؟ دوختۇر نىمە ئۈچۈن نورمال دەيدىغاندۇ؟ دەپ نەچچە كۈن كاللىڭىزغا كىرگۈزۋالدىڭىز. قايتا دوختۇرغا باراي دىسىڭىز ئەپسىز. ئەمىسە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار سىزگە ئاز تولا پايدىسى تىگىپ قىلىشى مۇمكىن.

قان تەكشۈرۈشتىكى ماي ماددىسى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

قان تەكشۈرۈشتىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( HDL )، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ( LDL ) ۋە ترى گلىتسېرىد ( ياغ ) يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قاندىكى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ياغ ( ياغ ماددىسى ) نىڭ سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان سانلىق قىممەت سالامەتلىككە ئوخشاش بولمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى (HDL – High-Density Lipoprotein)

HDL ئادەتتە يەنە «ياخشى» خولېستېرىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بەدەندىكى ئارتۇق خولېستېرىننى قان تومۇر دىۋارى ۋە ھۈجەيرىلەردىن جىگەرگە ئېلىپ كېلىپ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە چىقىرىش ئارقىلىق خولېستېرىننىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرىڭىزدا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىشتىدۇ.

ساغلاملىىقىڭىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى:

يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇشى : HDL سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئادەتتە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ قاندىكى ئارتۇق خولېستېرىننى تازىلاشقا پايدىلىق.

تۆۋەن سەۋىيىدە بولۇشى : HDL سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش ( atherosclerosis ) خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، چۈنكى قان تومۇر دىۋارىدىكى ئارتۇق خولېستېرىننى ئۈنۈملۈك تازىلىغىلى بولمايدۇ.

نورمال دائىرىسى:

ئەرلەر : 40 mg/dL ( 1.0 mmol/L ) دىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئاياللار : 50 mg/dL ( 1.3 mmol/L ) دىن يۇقىرى بولىدۇ.

60 mg/dL ( 1.55 mmol/L ) دىن يۇقىرىلىرى ئادەتتە كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيە دەپ قارىلىدۇ.

تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى (LDL – Low-Density Lipoprotein)

LDL نورمالدا يەنە «ناچار» خولېستېرىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ خولېستېرىننى جىگەردىن ئېلىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەگەر قاندا زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ئارتېرىيە دىۋارىغا يىغىلىپ، ئارتېرىيە داغلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى:

يۇقىرى سەۋىيە بولۇشى : LDL سەۋىيىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تۆۋەن سەۋىيە بولۇشى : ئادەتتە بىخەتەر بولىدۇ، ئەمما ئىنتايىن تۆۋەن بولغان LDL سەۋىيەسى بەزى ساغلاملىق مەسىلىلىرى ( مەسىلەن:ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

نورمال دائىرىسى:

100 mg/dL ( 2.6 mmol/L ) دىن تۆۋەن بولسا كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

100 – 129 mg/dL ( 2.6 – 3.3 mmol/L ) كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەگە يېقىنلاشقان.

130 – 159 mg/dL ( 3.4 – 4.1 mmol/L ) يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

160 mg/dL ( 4.1 mmol/L ) دىن يۇقىرىلىرى خەتەرلىك يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ

190 mg/dL ( 4.9 mmol/L ) دىن يۇقىرى بولسا ئىنتايىن يۇقىرى خەۋپ – خەتەر سەۋىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

ترىگلىتسېرىد (Triglycerides)

ترى گلىتسېرىد قاندىكى بىر خىل ياغنىڭ تۈرى، شۇنداقلا ياغ ھۈجەيرىلىرىدە ساقلىنىدىغان ئاساسلىق ياغ ماددىسى مەنبەسى. ئۇ ئاساسلىقى ئارتۇق كالورىيەدىن ئۆزگىرىپ كېلىدۇ. يەنى سىز سىرتتىن ئىستىمال قىلغان ئوشۇقچە تاماق، يىمەك ئىچمەكلەردىن كەلگەن ئېنىرگىيە ئەگەر ئۈنۈملۈك ھالدا خورىمىسا، بەدىنىڭىز بۇ ئارتۇق قالغان قىسمى ترىگلىتسېرىتكە ئۆزگەرتىپ كېيىن ئاچ قالغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ (گەرچە ھازىرقى دەۋىردە ئانچە ئاچ قېلىپ كەتمەيمىز).

ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى:

يۇقىرى سەۋىيە : يۇقىرى ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسى ئادەتتە سېمىزلىك، مېتابولىزم سىندرومى،2 تىپلىق دىئابېت كېسىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنى بۇ تىلغا ئېلىنغان كېسەللىكلەر مەزكۇر كىشىدە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تۆۋەن سەۋىيە : تۆۋەن ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسى ئادەتتە چوڭ بىر مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ قالغاندا بەدەندە قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

نورمال دائىرىسى:

150 mg/dL ( 1.7 mmol/L ) دىن كىچىك بولسا نورمال سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

150 – 199 mg/dL ( 1.7 – 2.2 mmol/L ) چېگرا سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

200 – 499 mg/dL ( 2.3 – 5.6 mmol/L ) يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

500 mg/dL ( 5.6 mmol/L ) دىن يۇقىرى بولسا ئىنتايىن يۇقىرى خەۋپ – خەتەر سەۋىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئومۇمىي خولېستېرىن (Total Cholesterol)

ئومۇمىي خولېستېرىن HDL ،LDL ۋە باشقا ياغ ئاقسىلىنىڭ يىغىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى:

يۇقىرى سەۋىيە : ئومۇمىي خولېستېرىننىڭ يۇقىرى بولۇشى كۆپ ھاللاردا LDL يۇقىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، بۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تۆۋەن سەۋىيە : تۆۋەن ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيەسىنىڭ ئادەتتە خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.

نورمال دائىرىسى:

200 mg/dL ( 5.2 mmol/L ) دىن تۆۋەن بولسا كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

200 – 239 mg/dL ( 5.2 – 6.2 mmol/L ) يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

240 mg/dL ( 6.2 mmol/L ) دىن يۇقىرىلىرى خەتەرلىك يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان 4 خىل قىممەت، نورمالدا سىز ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئائىلە ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈش نەتجىلىرى ئىچىدە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ماي ماددىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باھالىغان بولىدۇ.

قاندىكى ياغ سەۋىيىسى سالامەتلىككە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ

كۆڭۈلدىكىدەك ياغ سەۋىيىسىنى ساقلاش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. يۇقىرى HDL، تۆۋەن LDL ۋە تۆۋەن ترى گلىتسېرىدنىڭ بىرىكىشى ئادەتتە قاندىكى خولېستېرىننىڭ توشۇلۇشى ۋە تازىلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ.

ساغلام ياغ سەۋىيىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

يېمەك – ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش : تويۇنغان ماي ۋە تەتۈر شەكىللىك ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، تەركىبىدە تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، بېلىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە زەيتۇن يېغىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دانلىق زىرائەت، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە قاتارلىق تالا تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، خولېستېرىن سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

جىسمانىي ھەرىكەتنى كۆپەيتىش : ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش ياكى ۋېلىسىپىت مىنىش. بۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ،يەنە HDL سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،LDL ۋە ترى گلىتسېرىدنىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش : بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك قاندىكى ماينىڭ بىنورمال بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغاندا ماينىڭ سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى ھەمدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

تاماكا ۋە ھاراقنى چەكلەش : تاماكا چېكىش HDL سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەمدە LDL سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ترى گلىتسېرىد سەۋىيىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. تاماكا تاشلاش ۋە ھاراقنى چەكلىك ئىچىش ساغلام ياغ سەۋىيىسىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش : ھەر يىلى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ قاندىكى ماينى تەكشۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالدۇر بايقاش ۋە ئارىلىشىش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

 

قاندىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ۋە ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسى يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى نورمال دائىرىدە ساقلاش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش، قەرەللىك قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە دوختۇر بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلاش قاندىكى ماي مىقدارىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

قاندىكى ماي نورمالسىزلىقى ياكى جەمەت تارىخى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قاندىكى ماي سەۋىيىسىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشىنىش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئارتېرىيە قېتىش، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. قىسقىسى، قاندىكى ماي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ساغلاملىق تاكتىكىسى، شۇنداقلا ساغلام تۇرمۇشقا تۇتىشىدىغان مۇھىم ھالقا.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ