ئانا سەھىپەتەكشۈرۈشلەرقان تەكشۈرۈشلىرىئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) MCH

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) MCH

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( Mean Corpuscular Hemoglobin ،MCH ) ھەر بىر قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى قىزىل قان ئاقسىلى (يەنى ھېموگلوبىن)نىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارى كۆزدە تۇتىدۇ ۋە ئادەتتە پىكوگرام ( pg ) نى بىرلىك قىلىدۇ. ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) قان ئازلىقنىڭ تىپى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى باھالايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىر ھېساپلىنىدۇ. دوختۇرلار ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلىنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن كىچىك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ، نورمال ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ۋە چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ئەھۋاللىرىنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ ، ۋە بۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ سەۋەبىگە تېخىمۇ توغرا دىياگنوز قويۇشقا ياردەمدە بولىدۇ.

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Mean Corpuscular Hemoglobin
خەنزۇچە ئىسمى: 平均红细胞血红蛋白
تۈركچە ئىسمى: Ortalama korpüsküler hacim

قىسقارتىلىشى: MCH

نورمال سەۋىيىسى:
ئەرلەرنىڭ نورمال قىممىتى:27 – 33 pg
ئاياللارنىڭ نورمال قىممىتى:27 – 33 pg

 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى  (ھېموگلوبىن)  MCH

رەسىم مەنبەسى Image source
https://www.carehospitals.com/diagnostics/mcv-blood-test

 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) ئۆلچەش ئۇسۇلى:

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) ئاپتوماتىك قان ئانالىزاتورى ئارقىلىق ئۆلچىلىدۇ. قان ئەۋرىشكىسى ئانالىز قىلىش ئەسۋابىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەسۋاب قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ۋە قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئۆلچەپ ،ئاندىن ھېسابلاش ئارقىلىق ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH )نىڭ قىممىتىنى تېپىپ چىقىدۇ. كونكرېت ھېسابلاش فورمۇلىسى

MCH = Hb (in g/L)/RBC (in millions/µL)
MCH = [Hb (in g/dL)/RBC (in millions/µL)] x 10

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) ئەر – ئاياللاردىكى پەرق:

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا ئادەتتە كۆرۈنەرلىك پەرق بولمايدۇ، نورمال دائىرىسى ئادەتتە 27 – 31 پىكوگرام ( pg ) بولىدۇ. گەرچە يەككە تەندىكى پەرق ۋە فىزىيولوگىيەلىك ھالەت يېنىك داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى قىممىتى ئادەتتە يۇقىرىدىكى دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. بۇ مەيلى جىنسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر ،ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى بىر ئىشەنچلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ئوتتۇرىچە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى باھالىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) كلىنىكىدا قوللىنىش:

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) تەكشۈرۈشى كىلىنىكىدا قان ئازلىققا دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى تۈرگە ئايرىشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئالدى بىلەن ، ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە قان ئازلىقنىڭ تۈرىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ :

كىچىك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق (ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى MCH تۆۋەنلەيدۇ )
نورمال ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق (ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى MCH ئۆزگەرمەيدۇ)
چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق (ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى MCH يۇقىرىلايدۇ)

كىچىك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ئادەتتە تۆمۈرنىڭ كەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ۋىتامىن B12 ياكى فولىك كىسلاتاسىنىڭ كەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن قالسا ، ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قان ئازلىقنى داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىپ ،دوختۇرنىڭ داۋالاش لايىھىسىنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) يەنە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر ۋە ئوزۇقلۇق ھالىتىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن:ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ، جىگەر كېسىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار.

 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) بىنورمال كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى:

1. ۋىتامىن B12 كەمچىل بولۇش: چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىن مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ.

2. فولىك كىسلاتاسىنىڭ كەملىكى: ۋىتامىن B12 نىڭ كەملىكىگە ئوخشاش بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

3. قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى ئاجىزلاش: قالقانسىمان بەز ھورمۇنى يېتىشمىسە، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، MCH مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

4. جىگەر كېسىلى: مەسىلەن جىگەر قېتىشىش قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،MCH قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. يىلىك بىنورمال ئۆسۈش سىندرومى: يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بىنورمال بولىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىن مىقدارى ئاشىدۇ.

6. بەزى دورىلارنىڭ تەسىرى: مەسىلەن:راكقا قارشى دورىلار، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمى ۋە قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) بىنورمال ئازىيىشىنىڭ سەۋەبى:

1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق: تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىن مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ.

2. كوئولى قان ئازلىق: ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ ،قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى نورمالسىزلاشتۇرۇپ ،ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) قان ئازلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئاستا خاراكتېرلىك قان ئازلىق: مەسىلەن ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ،ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ ،قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ،ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) ئازىيىدۇ.

4. قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش: قوغۇشۇن قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى قىزىلقان ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ.

5. ۋىتامىن B6 كەمچىل بولۇش: ھېموگلوبىننىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىننىڭ مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ.

6. ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش:ئۇزاق مۇددەت ئاستا خاراكتېرلىك قان يوقىتىش تۆمۈر زاپىسىنى ئازايتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھېموگلوبىننىڭ مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

ئوتتۇرىچە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قىزىلقان ئاقسىلى ( MCH ) قان تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-21 / 08:08:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ