قان ئازلىق ھازىرقى جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ساغلاملىق مەسىلىسى. قان ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق دەرياسى بولۇپ، ئۇ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى پۈتۈن بەدەندىكى ئەزا-ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئەگەر بەدەندە قان ئازلىق كۆرۈلسە، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى، زېھنى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، قان ئازلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ۋە توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئارقىلىق بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

قان ئازلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى
قان ئازلىق كېسىلىنى ئاساسلىقى تۇغما (ئىرسىي) ۋە كېيىن شەكىللەنگەن دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. تۇغما قان ئازلىق ئادەتتە گېن كەمتۈكلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىق كېسىلى» بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ قۇرۇلمىسىدا نورمالسىزلىق بولىدۇ، شۇڭا پەقەت ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بىلەنلا مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بىمارلار چوقۇم دوختۇرنىڭ نازارىتىدە تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق داۋالىنىشى لازىم.
كېيىن شەكىللەنگەن قان ئازلىق بولسا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يەنى تۆمۈر ئېلېمېنتى، ۋىتامىن B12 ياكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل قان ئازلىقنى بىز «ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك قان ئازلىق» دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل ئەھۋالدا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
قان ئازلىقنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى
قان ئازلىق بار كىشىلەردە ئادەتتە بىر يۈرۈش روشەن جىسمانىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۆزىڭىزنىڭ قان ئازلىق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك: بىرىنچىدىن، چىراي تاتىرىش ۋە لەۋلەرنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولماسلىق. ئىككىنچىدىن، پۇت-قوللار دائىم سوغۇق بولۇش ۋە بەدەن ئىسسىماسلىق. ئۈچىنچىدىن، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ۋە باش قېيىش. بۇنىڭدىن باشقا، كۆز تورلىشىش، يۈرەك سېلىش ۋە تىنىقى قىستاشمۇ قان ئازلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. يېنىك دەرىجىدىكى قان ئازلىقنى ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بايقىماق تەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
قان تولۇقلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىلمىي پرىنسىپلار
قان تولۇقلاش دېگەنلىك پەقەتلا كۆپ يېيىش ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. بەدىنى بەك ئاجىز كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا زىيادە قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېسە، ئاشقازان-ئۈچەي يۈكى ئېشىپ كېتىپ، سۈمۈرۈلۈش ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا «يۇمشاق» ئۇسۇلدا ئوزۇقلىنىش، يەنى ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئۇماچ ۋە سۇيۇقئاشلارنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ چىلان، لۇڭيەن (Longan) قاتارلىق ماتېرىياللار سېلىنغان ئۇماچلار قان ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە تال ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
قان ئازلىق بارلار كۆپ يەپ بېرىشى كېرەكلىك يېمەكلىكلەر
قان ئازلىقنى ياخشىلاشتا يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر، ئاقسىل، ۋىتامىن B12 ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى قاتارلىقلار ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. تۆۋەندە قان تولۇقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز:
1. ھايۋانات جىگىرى ۋە قان مەھسۇلاتلىرى (تۆمۈرنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى)
ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى (مەسىلەن: قوي جىگىرى، كالا جىگىرى ) تەركىبىدە «خېمىنىك تۆمۈر» (Heme Iron) ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى %20 تىن %30 كىچە يېتىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەردىن كۆپ يۇقىرىدۇر. شۇڭا، ھەپتىدە 1-2 قېتىم مەلۇم مىقداردا جىگەر يەپ بېرىش قان ئازلىقنى تېز سۈرئەتتە ياخشىلاشتا ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر.
2. قىزىل گۆش تۈرلىرى (كالا ۋە قوي گۆشى)
ئورۇق كالا گۆشى ۋە قوي گۆشى تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسىدىن باشقا يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ۋىتامىن B12 بار. بۇ ماددىلار قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. بولۇپمۇ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن قىزىل گۆش ئەڭ ئاساسلىق قۇۋۋەت مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
3. تۇخۇم سېرىقى
تۇخۇم ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ تولۇق يېمەكلىك بولۇپ، بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بىر قەدەر يۇقىرى. گەرچە تۇخۇم سېرىقىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى جىگەردەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان، ھەزىم قىلىشقا ئەپلىك قان تولۇقلاش يېمەكلىكىدۇر. كۈنىگە بىر دانە تۇخۇم يېيىش ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
4. قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر (قارا پۇرچاق، قارا كۈنجۈت، قارا ئۆرۈك)
ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە زامانىۋى ئوزۇقلۇقشۇناسلىقتا «قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان تولۇقلايدۇ» دەپ قارىلىدۇ. قارا پۇرچاق تەركىبىدە تۆمۈر ۋە ئاقسىل مول بولۇپ، قان ئازلىق بارلار ئۇنى قاينىتىپ ياكى سۈت بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. قارا كۈنجۈت بولسا يالغۇز قان تولۇقلاپلا قالماي، چاچنىڭ ساغلاملىقىنىمۇ قوغدايدۇ.
5. چىلان (قۇرۇق چىلان) ۋە قۇرۇق مېۋىلەر
چىلان «تەبىئىي قان تولۇقلاش دورىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە مول بولغان تۆمۈر، ۋىتامىن C ۋە فۇسفور بار. ۋىتامىن C تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، چىلان بىرلا ۋاقىتتا ھەم تۆمۈر تەمىنلەيدۇ، ھەم سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قارا ئۈزۈم ، قۇرۇق ئەنجۈر ۋە بادام قاتارلىقلارمۇ قان ئازلىقنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
6. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار
پالەك، چىڭسەي ۋە پىدىگەن قاتارلىق قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردا يوپۇرماق كىسلاتاسى مول. يوپۇرماق كىسلاتاسى كەملىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان «چوڭ ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق» نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆكتاتلارنىڭ رولى چوڭ. كۆكتاتلارنى تاماققا سېلىپ يېگەندە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زىيادە كۆپ قاينىتىۋەتمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
7. پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ۋە سۈت
پۇرچاق سۈتى، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (Tofu) ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بەدەننى كېرەكلىك بولغان ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاقسىل ھېموگلوبىن (قاندىكى ئاقسىل) نىڭ بىرىكىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ماتېرىيالدۇر. ئەگەر بەدەندە ئاقسىل يېتىشمىسە، قانچىلىك تۆمۈر تولۇقلىسىڭىزمۇ قاندىكى گېموگلوبىن مىقدارى ئۆرمەيدۇ.
8. ۋىتامىن C غا باي مېۋە-چېۋىلەر
گەرچە مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ رولى ھەل قىلغۇچتۇر. لىمون، ئاپېلسىن، تاتلىق مۇچ، كىۋى مېۋىسى ۋە پەمىدۇر تەركىبىدىكى ۋىتامىن C بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى بىر نەچچە ھەسسە ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، گۆش ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن بىرەر دانە ئاپېلسىن يېيىش ياكى يېڭى مېۋە شەربىتى ئىچىش قان تولۇقلاش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدۇ.
تۇرمۇش ئادىتىنى تەڭشەش ۋە ئالدىنى ئېلىش
قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يالغۇز يېمەكلىككە تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ. بىمارلار يېتەرلىك ئۇخلىشى، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قېنىق چاي ۋە قەھۋەنى تاماق بىلەن بىللە ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدىكى تاننىن كىسلاتاسى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ. مايلىق، ئاچچىق ۋە زىيادە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
- تاماق بىلەن بىللە قېنىق چاي، قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىڭ (بۇلار تۆمۈرنى پارچىلايدۇ).
- ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ، چۈنكى بارلىق ئوزۇقلۇق ئاشقازان ئارقىلىق سۈمۈرۈلىدۇ.
- تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش، سۇيۇق ۋە سۈمۈرۈلۈشى ئاسان تاماقلارنى ئاساس قىلىش كېرەك.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، قان ئازلىقنى داۋالاش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك جەريان. ئەگەر قان ئازلىق ئەھۋالى ئېغىر بولسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش لازىم. يېنىك دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق خاراكتېرلىك قان ئازلىقنى بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ساغلام بەدەن كۈندىلىك ئىنچىكە دىققەت ۋە ئىلمىي تۇرمۇش ئادىتىدىن كېلىدۇ.


