خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ى ئىككى نەپەر ياش قىزلار فىگورسىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى قوغلىشىپ، كالا خۇرۇمىدىن ئالاھىدە ياسالغان كەڭ بەلۋاغ بىلەن كۈن بويى بېلىنى چىڭ باغلاپ يۈرگەن ئاقىۋەتتە بالىياتقۇ ئورنىدىن سىلجىپ، ھەيىز قالايمىقالىشىش ۋە قان ئازلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىققان.
ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار تەكشۈرشىگە قارىغاندىمۇ يۇقىرقى كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ياش قىزلارنىڭ ئىچىدە %60 تىن كۆپرەگىنىڭ بەلنى چىڭ بوغىدىغان ۋە بەدەننى چىڭ قىسىپ تۇرىدىغان ئىشتان كىيىش تارىخى بارلىقى ئىسپاتلانغان .
ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ قارىشچە ، بەلنى چىڭ بوغۇشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئاياللار كېسەللىگى نوقتىسىدىن قارىغاندا ، بەلنى چىڭ بوغقاندا ، قوساق بېسىمغا ئۇچىراپ ، ئۈچەي داس بوشلۇقىغا قىسىلىپ قېلىپ، داس بوشلۇغىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەلىكتىن ، بالىياتقۇ نورىمال ئورنىدىن قوزغىلىپ ، بالىياتقۇ ئورنىدىن سىلجىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ھەمدە داس بوشلىغىدىكى ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىغا توشقۇنلۇق قىلىپ ، ھەيىز قالايمىقانلىشىش ۋە ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
نەپەسلىنىش سېستىمىسى نوقتىنەزىردىن قارىغاندا، بەلنى چىڭ بوغقاندا دىئافراگمىنىڭ يۇقرى – تۆۋەن ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچىرغانلىقتىن، كۆكرەك بوشلىغى توللۇق كېڭىيەلمەي ، ئاقىۋەتتە ئۆپكىدىكى ھاۋا ئالمىشىشى ئازىيىپ ، ئورگانىزمغا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، دېمص سىقىلىش ، باش قېيىش ، يۈرەك سېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلدۇ .
بەلنى چىڭ بوغۇش ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ فونكىسىيەسىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ . بەلنى چىڭ بوغقاندا ئاشقازان ئۈچەي بېسىلغاچقا نورمال كېڭىيەلمەيدۇ. تاماقنى كۆپ قۇبۇل قىلالمايدۇ . ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى چەكلىمىگە ئۇچىراپ، قان ئايلىنىشقىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرلۈش ئىقتىدارى كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، ئوزۇقلىنىش ناچارلىغى ۋە قان ئازلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى ، بەلنى چىڭ بوغۇش ئاياللار كېسەللىكىنىلا كەلتۈرۈپ چىقارماستىن ، ئورگانىزمدىكى باشقا سېستىمىلارغىمۇ ئېغىر خەۋىپ يەتكۈزىدۇ. ياش خېنىملار بەدەن گۈزەللىكىگە توغرا قارىشى كېرەك. بەلنى چىڭ بوغۇشقا تايىنىپ چىرايلىق بولۇشنى قوغلىشىش، پۇتنى يۇنۇپ ئۆتەككە لايىقلاشتۇرغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس.