ئانا سەھىپەروھ ۋە پىسخىكاپىسخىكا كېسەللىكلىرىقانداق قىلغاندا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى تور بېكىتىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئاشقان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2023-يىلى قانات يايدۇرۇلغان گاللۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %18كە يېقىن ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ھازىر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ياكى خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2015-يىلى گاللۇپ مەسلىھەت بېرىش شىركىتى تۇنجى قېتىم بۇ تېمىدا ئۇچۇر توپلىغاندا، بۇ نىسبەت %11 كىمۇ يەتمەيتتى.

گاللوپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئالاھىدە ئەھۋالدىن بۇرۇن، ئامېرىكىدا كىلىنىكىلىق خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاستا-ئاستا ئۆرلىگەن، لېكىن ئالاھىدە ئەھۋالدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئاشقان. جەمئىيەتنىڭ يەككە-يېگانە بولۇشى، تەنھالىق تۇيغۇسى، يۇقۇملىنىشتىن قورقۇش، پىسخىكىلىق چارچاش، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، پىسخىكىلىق ساقلىقنى ساقلاشقا كاشىلا قىلىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى تەسىر پەيدا قىلغان. ئاياللار، ياشلار، قارا تەنلىكلەر ۋە ئىسپانىيەلىكلەر پۇشتىدىن بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن.

12 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىمۇ ناھايىتى كەسكىن، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC)نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ياش باسقۇچىدىكى بالىلار 2021-يىلى (سانلىق مەلۇمات بار يېقىنقى يىللاردا) بىر قېتىم ئېغىر خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مىليون 700 مىڭ ئادەم مۇشۇ سەۋەبتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ۋىسكونسىن داشۆسى مادىسون شۆبە مەكتىپىنىڭ ئىنسانلار ئېكولوگىيەسى ۋە روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى پىروفېسسورى چارلىز رېسسېن ئۆزىنىڭمۇ خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېي سېن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق ئەھۋالىنى «ناچار» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن.

لېي سېن يېقىندا ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى تور بېكىتىنىڭ باش تىببىي مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكىدا خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، بۇ يۈزلىنىش بەلكىم 20 يىلدىن 25 يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق داۋاملاشقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆتكەن 10 يىلدا تېز سۈرئەتتە ئاشقان.»

لېي سېن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى (كېسەل بولۇش نىسبىتى)نىڭ ئېشىشى ئوخشاش بولمايدۇ. بولۇپمۇ ياشلاردا ئېغىر. 15 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئېشىش كۆرۈلگەن.»

ئامېرىكىلىقلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئەلۋەتتە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، لېكىن ئوخشاشلا كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، كېسەللىك سەۋەبىنى بېكىتىش ناھايىتى تەس. بىز مېڭىنى سىكاننېرلاش ياكى قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق خامۇشلۇق كېسىلىنى بايقىيالمايمىز، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنىمۇ توغرا ئۆلچىيەلمەيمىز.

لېي سېن كۆپ خىل يوشۇرۇن ئامىللارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «بىز خامۇشلۇق كېسىلىگە دىئاگنوز قويىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تاپالامدۇق؟ تاپالمايدۇ، چۈنكى خامۇشلۇق كېسىلى سۇلۇق ئىششىققا ئوخشايدۇ خامۇشلۇق كېسىلىنى پەقەت بىر تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.»

35 يىل ئىلگىرى، خامۇشلۇققا قارشى تۇرغۇچى دورا بەييوجيې (فۇسىتىن) تۇنجى خىل تاللاش خاراكتېرلىك سېروتونىن قايتا قوبۇل قىلىشنى تورمۇزلىغۇچى دورا (SSRI) سۈپىتىدە ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان. بۇنىڭ پىرىنسىپى شۇكى، خامۇشلۇق كېسىلى چوڭ مېڭىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنى نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسى سېروتونىن (يەنى 5-گىدروكسى ترىپتامىن)غا قارىتا دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوڭشىغىلى بولىدۇ. ئىككى خىل نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىغا قارىتىلغان 5-گىدروكسى ترىپتامىن-نورئادرېنالىن قايتا قوبۇل قىلىشنى تورمۇزلىغۇچى دورا (SNRI) 1993-يىلى بازارغا سېلىنغان.

لېكىن خامۇشلۇققا قارشى دورىلار ھەممىلا ئادەمگە ئۈنۈملۈك ئەمەس.

لېي سېن مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىدا خامۇشلۇققا قارشى دورىلار خامۇشلۇقنى داۋالايدىغان بىرىنچى سەپتىكى دورا، لېكىن ئۇنى ئىشلىتىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، بۇ خىل دورا بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن ئۆتكەن 20 يىلدا، بىز خامۇشلۇققا قارشى دورىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدىكى بەزى رەھىمسىز پاكىتلارغا يۈزلىنىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ روشەن بىر پاكت شۇكى، بۇ دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، پەقەت %30 بىماردا دورىغا نىسبەتەن تولۇق ئىنكاس بولىدۇ.»

 

ئۇنداقتا خامۇشلۇق كېسىلىگە زادى قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

«تۇرمۇشنى قوغلىشىش»تىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بەش ئىشنى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ.

ياردەم تەلەپ قىلىش

پىسخىكا ساغلاملىق كەسپىي خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش.

لېي سېن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز ئىزچىل چۈشكۈنلىشىپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇيقۇڭىز ۋە ئىشتىھايىڭىزدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئازابلىماقچى بولسىڭىز بۇلارنىڭ ھەممىسى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان بولسا، ياردەم تەلەپ قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر، بارلىق خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى كىلىنا دوختۇرىنىڭ سىزگە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ھەممىسى پايدىلىق.»

 

تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەدەنگە پايدىلىق ئىشلارمۇ چوڭ مېڭىگە پايدىلىق.

لېي سېن يەنە مۇنداق دېگەن: «سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىڭ. مەن دائىم كىشىلەرگە، يۈرەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ، ئاندىن بۇ ئىشلارنى قىلىڭ دەيمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى خامۇشلۇققا قارشى دورا. شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، ساغلام ئوزۇقلىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىش كېرەك.»

باشقىلار بىلەن كۆپلەپ ئارلىشىش

باشقىلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى سىناپ بېقىڭ.

«سىز مەيۈسلەنگەندەك ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەزىدە ناھايىتى تەس، لېكىن ئۇ ئەڭ مۇھىم بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ئامال بار باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىش، ئاز ساندىكى بىر قانچە ئادەم بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوللاشقا تولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاش خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم قوغداش ئامىلى، شۇنداقلا سىزنىڭ خامۇشلۇقنى يېڭىشىڭىزگە ھەقىقىي ياردەم بېرىدىغان ئامىل.»

 

ۋاز كەچمەسلىك كېرەك

ياردەم تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

لېي سېن مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خامۇشلۇققا قارشى دورىلارغا بولغان ئىنكاسى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى، ئاز ساندىكى كىشىلەر خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا باشلىغاندا، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، يەنە خامۇش ھېس قىلدىم. لېكىن بەزىلەر ئۇزاق مۇددەت خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلدى.

شۇڭا، ئەگەر بىر خىل خامۇشلۇققا قارشى دورا كار قىلمىسا، يەنە بىر خىل ئۇسۇلنى ساقلاش كېرەك، لېكىن داۋاملىق سىناپ بېقىشتىن قورقماسلىق كېرەك، لېي سېن بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «بىزگە مەلۇمكى، كۆپ خىل خامۇشلۇققا قارشى دورىلارغا ئىنكاس قايتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ كېيىنكى دورىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق داۋالاشقا بولغان ئىنكاسى بۇنىڭلىق بىلەن بولمايدۇ ھەم تۆۋەنلەيدۇ.»

 

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25786811.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-11 / 01:58:31

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ