ۋىتامىن B12 بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى بەدەنگە كېرەكلىك ئاقسىل ماددىسىنى بىرىكتۈرۈپ ، قان ئىشلەشكە ياردەم بېرىپ ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردا ۋىتامىنB12 كەملەپ كەتكەچكە ئۇلاردا مىڭە سەگەك بولماسلىق ، گالۋاڭلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ
تۆۋەندە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق تائام رېتسېپلىرىنى تونۇشتۇرىمىز:
(1) ئادەمگىياھ بىرىكمە ئۇمىچى: ئۇنىڭدا ئۈچ گرام ئادەمگىياھ تالقىنى 50 گرام گۈرۈچكە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىنىدۇ. ئۇ قۇۋەتنى ئاشۇرۇپ، تال ۋە ئۆپكىگە ھەمدەم بولۇپ، ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ.
(2) بايناق ئۇمىچى: ئۇنىڭدا 30 گرام بايناق، 10 گرام سىپارى، ئازراق زەنجىۋىل قاينىتىلىپ، سۈيىگە 100 گرام گۈرۈچ سېلىپ ئۇماچ قىلىنىپ، تەمى تەڭشەلگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇ ئادەمنى روھلاندۇرۇپ ، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھارغىنلىق، ئىشتىھاسىزلىق ، قورساق كۆپۈش، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىققا شىپا بولىدۇ.
(3)گۈلبىنەپشە–ئىزمۇق–قەنت چېيى بىرىكمىسى : گۈلبىنەپشە ، مامكاپ، ئىزمۇقتىن 30 گرام قوشۇپ قاينىتىلىپ، سۈيىگە ئازراق قەنت سېلىپ تەييارلىنىدۇ. ئۇ قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ،زەھەرنى ھەيدەيدۇ، مىكروپقا قارشى تۇرۇپ ، ئىششىقنى ھەيدەيدۇ.
(4)ياپونىيە ئۈچقېتى ۋە سەبدە گۈلى بىرىكمە ئۇمىچى: يېپىشقاق گۈرۈچتىن 50 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ، ياپونىيە ئۈچقېتى ۋە سەبدە گۈلىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئون گرامدىن ئېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ نەمدەلمە قىلىنىدۇ. ئۇ قىزىتمىنى قايتۇرۇپ، زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ئاغرىققا شىپا بولىدۇ.
(5)زاراڭزا يېپىشقاق گۈرۈچ(نومى) ئۇمىچى: بۇنىڭدا زاراڭزا ۋە كىرەشتىن ئون گرام، چۆل يالپۇزىدىن 15 گرام ئېلىپ، ئۈچىنى قاينىتىپ، سۈيىگە يېپىشقاق گۈرۈچتىن 100 گرام سېلىپ قاينىتىلىدۇ ھەم قەنت سېلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئۇ قاننى جانلاندۇرۇپ، بەلغەمنى بوشىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
(6)قىزىل دېڭىز يۇسۇنى تۇخۇم شورپىسى: بۇنىڭدا قىزىل دېڭىز يۇسۇنى (قۇرۇتۇلغىنى)دىن 10 گرام، بىر تۇخۇم قوشۇپ شورپا قىلىنىدۇ. ئۇقىزىتمىنى قايتۇرۇپ، بەدەننى چىڭىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، قىزىل دېڭىز يۇسۇنىدا مىكرو ئېلېمىنت ھېسابلىنىدىغان يود مول بولۇپ، ئۇ بەلغەمنى بوشىتىپ، بەدەننى چىڭىتىپ، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
(7)لامنارىيە(خەيدەي)–دېڭىز يۇسۇنى – سېرىق پۇرچاق بىرىكمىسى: بۇنىڭدا لامنارىيە، دېڭىز يۇسۇنى 25 گرام، سېرىق پۇرچاقتىن 50 گرام قوشۇپ قاينىتىپ شورپا قىلىنىدۇ. ئۇ بەدەننى چىڭىتىپ، بەدەن ھەركىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، لىمفا بېزى ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ.